Chinese→UyghurMain Dictionary
克虏伯康采恩
دۇنيا تارىخى
كرۇپ كونسېرىنى
فرېدرىخ كروپ چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فېدېراتىپ گېرمانىيىدىكى ئەڭ چوڭ يىرىك سانائەت مونوپول تەشكىلاتى. ئاساس سالغۇچى فرېدرىخ كرۇپ (1787 -1826). 1811 - يىلى ئېسېندا پولات قۇيمىچىلىق زاۋۇتى قۇرغان. 1826 - يىلدىن باشلاپ زەمبىرەك ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلىغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن گېرمانىيە بويىچە ئەڭ ئاساسلىق ھەربىي قورال - ياراق ئىشلەپ چىقارغۇچىغا ئايلانغان. 1914 - يىلى گېرمانىيەنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىشىنى قوللىغان. ناتسىستلارغا ياردەم بېرىپ، گىتلېرنىڭ تەختكە چىقىشىنى قوللىغان. 1933 - يىلى كروۇ (1870 - 1950) فاشىستلار گېرمانىيىسى مەملىكەتلىك ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ فاشىستلار ھاكىمىيىتى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ تاجاۋۇزچلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشىدىكى ئاساسلىق تۈۋرۈكىنىڭ بىرى ئىدى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارقىلىق كاپىتالى توققۇز ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان. 1945 - يىلىنىڭ باشلىرى، مەملىكەت ئىچىدە 110 چوڭ كارخانىغا، چەت ئەلدە 41 چوڭ كارخانىغا ئىگە بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بىر مەزگىل ئۇنىڭ كارخانىلىرى مۇسادىرە قىلىۋېلىنغان، كېيىن ئامېرىكا مونوپول كاپىتالى ۋە ئادېنا ئوئىر ھۆكۈمىتىنىڭ يۆلىشى بىلەن قايتا قۇرۇلغان. ئۇ سابىق فېدېراتىپ گېرمانىيەنىڭ پولات - تۆمۈر، كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىدىكى كارخانىلارنى تىزگىنلىۋالغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى يادرولۇق كارخانىسى كرۇپ پولات - تۆمۈر شىركىتى. ئۇرۇشتىن كېيىنكى فېدراتىپ گېرمانىيە مونوپول تەشكىلاتلىرىنىڭ سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنىڭ باش شىركىتى ئېسىن شەھىرىدە.