Uyghur→ChineseMain Dictionary
جاكارتا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
雅加达
yǎ jiā dá
شەرقىيب جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر. ھىندۇنېزىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. جاكارتا ياۋا ئارىلىنىڭ غەربىي شىمال قىرغىقىغا، جاكارتا قولتۇق بويىغا، گىلىۋوڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان. مەيدانى 577 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 7 مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). جاكارتا 14 - ئەسىردە مەشھۇر قارامۇچ ئېكسپورت قىلىدىغان پورت بولۇپ، سۇندا كېلاپا دەپ ئاتالغان. 1527 - يىلى جاكارتا دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1618 - يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ جايدا بىر قورغان قۇرۇپ بۇنى <باتاۋىيە> دەپ ئاتىغان. گوللاندىيىلىكلەر بۇ نامنى قۇرۇپ بۇنى <باتاۋىيە> دەپ ئاتىغان. گوللاندىيىلىكلەر بۇ نامنى رېين دەريا دېلتىسىدىكى ئۆز يۇرتى باتاۋىيە نامىغا باتاۋىيە دەپ نام قويغان. 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ھىندۇنېزىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن شەھەر نامىنى قايتا جاكارتاغا ئۆزگەرتكەن. جاكارتا شەھىرى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بىرى، ئۇنىڭ سىرتقى تەرىپىدىكى بۇرۇنقى سودا پورتى باتاۋىيە، ھازىر ئۇ دېڭىز قىرغىقىدىن 1.5 كىلومېتر ئىچكى قۇرۇقلۇقتا تۇرىدۇ. يەنە بىرى شەھەرنىڭ 9.5 كىلومېتر شەرقىي شىمالىدىكى تانجۇڭ پروك چوڭقۇر سۇلۇق پورتى. ئۇ قانال ھەم تۆمۈريوللار ئارقىلىق شەھەر ئىچى بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ پورتنىڭ ئىمپورت پۈتۈن دۆلەت ئىمپورتىنىڭ 3/1 نى ئىگىلەيدۇ. ئۈچىنچىسى شەھەر مەركىزى رايونى، بۇ جاي دېڭىز قىرغىقىدىن
ئۇنىۋېرسال,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
雅加达
yǎ jiā dá