UyghurMain Dictionary
تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش
دۇنيا تارىخى
سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى سىياسىي ئىدىيىسى. لېنىن ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، جاھانگىرلارنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسى ئۈستىدىن غەلىبە قازانغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئوتتۇرغا قويغان. بۇ پرولتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمى پرىنسىپىنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا، ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن تىنچ بىللە تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تاشقى سىياسەت بولۇپ، جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە ئۇرۇش سىياسىتىگە قارىتىلغان. 1954 - يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلغان.