UyghurMain Dictionary
خارابە
دۇنيا تارىخى
ھىندى دەرياسى ۋادىسى مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خاربىلىرىدىن بىرى. ھازىرقى پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسى تەۋەلىكىگە جايلاشقان. 1921-يىلى تېپىلغان. ھىندى دەرياسى ۋادىسىدا بۈگۈنكى كۈنگىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ شەھەر قەلئە ۋە ئولتۇراق رايونىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خشتىن قوپۇرۇلغان شەھەر قەلئەسى ئېگىز ھەم قېلىن بولۇپ ھۆكۈمرانلار ئولتۇرۇشلۇق قەلئە بولپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ يەنە بىر بۆلىكى ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلاشقان رايونى. خفراپپا موخىنجۇ - دورا بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندى دەرياسى ۋادىسى مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان. ئارخېئولوگ ۋېلېر (1890 - 1976) نىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن مىلادىدىن 2500 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن مىلادىدىن 1750 ـيىل ئىلگخرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ (رادىئوئاكتىۋلىق كاربون بىلەن ئۆلچەنگەن يىل بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش). بۇ مەدەنىيەت ئومۇملاشتۇرۇلۇپ <خارابە مەدەنىيىتى> دەپ ئاتالغان. بۇ بىر خىل ئۆزگىچە برونزا قوراللاردەۋرىگە مەنسۇپ مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ. قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلار ئىچىدە خىش قۇرۇلۇشلار، مورال - سايمانلار، ساپال قاچىلار، سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە خەت ئويۇلغان تامغا بولغانلىقىنى، خاراپپا بىلەن موخنجۇ - دارونىڭ بەلكىم ئەينى چاغدا مۇستەقىل ئىككى شەھەر دۆلىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئادەتتە ئىپتىدائىي دارا ئويدىيانلار قاتارلىقلار مەركۇز مەدەنىيەتنىڭ ئىجفدچىى دەپ مارىلىدۇ. بۇ شەھەر تەخمىنەن مىلادىدىن 1750 يىل ئىلگىرى ۋەيران قىلىنغان. بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ھەر خىل قاراش بولۇپ، يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى دېگۈچىلەرمۇ، يەر تەۋەرەش، كەلكۈن ۋەيران قىلغان دېگۈچىلەرمۇ بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. قارايدىغان ئادەم بولمىغان، تاشلىۋېتىلگەن ئورۇن؛ بۇزۇلۇپ خاراب بولغان جاي؛ ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى قالدۇق ئىزلار؛ ئەسكى جاي.
خارابىگە ئايلانماق.
سۈپ. خاراب قىلىنغان، ۋەيران بولغان، خاراب، ۋەيران، ۋەيرانە.
خارابە ئۆي. خارابە شەھەر.