Chinese→UyghurMain Dictionary
拉萨尔主义
دۇنيا تارىخى
لاسسالچىلىق
(ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئاغمىچىلىق ئىدىيىۋى ئېقىم. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىل لاسسال سىنىپتىن تاشقىرى دۆلەت قارىشىنى تەرغىپ قىلىپ، دۆلەت - <ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى تەربىيلەپ ۋە ئالغا سۈرۈپ ئۇنى ئەركىنلىككە يېتەكلەيدىغان قورال>، پرولېتارىيات قانۇنىي ۋاستە قوللىنىپ ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرسىلا، پارلامېنت كۈرىشى ئارقىلىق پرۇسسىيەنىڭ مۇستەبىت دۆلىتىنى <ئەركىن خەلق دۆلىتى> گە ئايلاندۇرالايدۇ، دەپ قارالغان. پومېشچىك - بۇرژۇئا دۆلىتىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرش كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇپ، پرولېتارىياتنى <ئۆز كارخانىلىرىنىڭ خوجايىنى> غا ئايلاندۇرۇشنى خام خىيال قىلىپ، بۇ پرولېتارىياتنىڭ ئىقتىسادىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ <ئەڭ قانۇنىي، ئەڭ تىنچ ۋە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى> دەپ قارىغان. ئۇ مالتوسىنىڭ نوپۇس نەزەرىيىسىگە ئاساسەن، <تۆمۈردەك ئىش ھەققى قانۇنىيىتى>نى ئوتتۇرغا قويۇپ، كاپىتالىستىك ياللانما ئەمگەك تۈزۈمىنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيە ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ، ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش كۈرىشى ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرغان. <ئادىل تەقسىمات> نى تەرغىپ قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پرىنسىپىنى بۇرمىلاپ، پومېشچىك - كاپىتالىستلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە بولغان مۈلۈكچىلىكنى يوقىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىنكار قىلغان. پرولېتارىياتنىڭ دېھقانلار ۋە كەڭ ئەمگەكچىلەر ئاممىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشىگە قارشى تۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپىدىن باشقا بارلىق سىنىپلارنىڭ ھەممىسى <ئەكسىيەتچىل بىر گۇرۇھ> دېگەن ھەمدە بۇرژۇئا مىللەتچىلىكى ئارقىلىق پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمغا قارشى تۇرۇپ، پرۇسسىيە پادىشاھلىقىنىڭ تاشقى جەھەتتە يولغا قويغان تاجاۋۇزچىلىق - مىلىتارىزملىق سىياسىتىنى پائال قوللىغان. لاسسالچىلىق گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاغمىچىلىق نەزەرىيىلەرنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. لاسسال ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ سادىق مۇرىتلىرىدىن بېكېر )1826 - 1882(. شۋېتزېر )1834 - 1875(، ھاسىسېلمان )1844 - ؟( قاتارلىقلار لاسسالنىڭ ئاغمىچىلىقىنى داۋاملىق يولغا قويغان، ماركس ۋە ئېنگېلس <گوتا پروگراممىسىغا تەنقىد> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە لاسسالچىلىقنى تەلتۆكۈس تەنقىد قىلغان.