—Reference
دادائىزم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
داداچىلىق. ھازىرقى زامان بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئېقىمى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە رومىنىيىلىك شائىر چارلا تەرىپىدىن شىۋېتسارىيىدە دەسلەپ تەشەببۇس قىلىنغان. <دادا> فرانسۇزچە بوۋاق بالىلارنىڭ <مە، مە> دېگەن تەلەپپۇزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ ئېقىم ئاشۇ <دادا> نى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويۇۋالغان. بۇ ئارقىلىق <قىلچە مەنىسى يوق>، <ھېچنىمە ئەمەس> دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادە قىلماقچى بولغان.
دادائىزمچىلار بوۋاق بالىلارنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە تۇتقان ساپ فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاس پوزىتسىيىسىنى يازغۇچىلار تەقلىد قىلىش لازىم، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بوۋاقلارنىڭ مەممە، ئۈممە دەپ يۈرۈپ تىلى چىقىدىغان دەۋرىدىكىدەك ھالەت بىلەن ھەر قانداق ئىدىيىنىڭ تەسىرىنى يېقىن يولاتماي، سەزگۈ ئەزالىرى بىۋاستە قوبۇل قىلالايدىغانلا تەسراتلىرىنى ئىپادە قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ.
دادائىزمچىلار چۈش كۆرۈپ جۆيلۈگەندەك تىل، ياكى پەلىپەتىش تىل بىلەن ھەرەڭ - سەرەڭ ئوبرازلار ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلىشقا بولمايدىغان شەيئىلەرنى ئىپادىلەشنى، ھەتتا تاۋارلارنىڭ ماركىسى، غەلىتە ماۋزۇلارنى قوللىنىپ بەدىئىي ئەسەرلەرنى يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
دادائىزم ئەدەبىيات - سەنئەت نىگىلىزمنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، ئۇ ھەر قانداق ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدىنى، ھەر قانداق ئەخلاق ۋە ئېستېتىك كۆز قاراشلارنى، ھەتتا ئەدەبىيات - سەنئەت شەكىللىرىنىڭ ئۆزىنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ.
دادائىزم بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ياۋروپا بۇرژۇئا ياشلىرىنىڭ زېرىكىش، تېڭىرقاش، ئچىكى پۇشۇش، كەلگۈسى ئۈچۈن يول تېپىش .... قاتارلىق روھىي كەيپىياتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن، بۇ ئېقىمدىكىلەرنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى ئاراگوننىڭ <مەڭگۈلۈك ھەرىكەت>، سۇپونىڭ <شامالنىڭ يۆنىلىشى> ۋە ھېلېتون (كېيىن ئۇ سۇررېئالىزمچىلارنىڭ داھىسى بولۇپ كەتتى) نىڭ <ئىز> ناملىق ماقالىلىرى توپلىمى ... دىن ئىبارەت.
دادائىزم قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، 1924 - يىلى ئاساسەن پارچىلىنىپ سيۇررېئالىزمغا ئايلىنىپ كەتتى. (<سيۇررېئالىزم> ئاتالغۇسىغا قاراڭ)