Chinese→UyghurMain Dictionary
波茨坦会议
ئۇنىۋېرسال
bō cí tǎn huì yì
پوتسدام يىغىنى
دۇنيا تارىخى
پوتىسدام يىغىنى
بېرلىن يىغىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1945 - يىل 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ستالىن، ترۇمىن، چېرچىلل (كېيىنكى مەزگىلدە ئاتتىلې)ۋە ئۈچ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى گېرمانىيىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ياۋرۇپا شۇنىڭدەك باشقا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بېرلىننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پوتسىدامدائۆتكۈزۈلگەن يىغىن. ئەينىڭ چاغدا ناتسىتلارگېرمانىيىسى تەسلىم بولغان، ياپونىيە مەغلۇپ بولۇش ھارپىسىدا تۇرىۋاتقان، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى فاشىزم كۈچلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان چاغ ئىدى. يىغىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىن تەسىس قىلىش، گېرمانىيەنى ئىشغال قىلىشتىكى تۈپ سىياسىي، ئىقتىسادىي پرىنسىپى؛ گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇش چىقىمى تۆلەش، پولشانىڭ غەربىي چېگراسى، قارا دېڭىز بوغۇزىنى كونترول قىلىش، ئىتالىيىگە قارىتىلغان سىياسەت، گونسىبورگ رايونىنى ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا <بېرىش>، رومىنىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە ھەم فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۈرگۈزۈلىدىغان سىياسەت ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، <بېرلىن (پوتسىدام) يىغىنى كېلىشىمى> نى ئىمزالاپ، <بېرلىن يىغىنى ئاخباراتى> نى ئېلان قىلغان. مەزمونى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كىتىدىغان بۇ ئىككى ھۆججەت <پوتسىدام كېلىشى> دەپ ئاتالغان. يىغىن جەريانىدا، 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش توغرىسىدىكى <پوتسىدام ئاخباراتى> نى ئېلان قىلغان.