UyghurMain Dictionary
قاراقلىق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كۈچ - قۇۋۋەت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قارايدىغان، قارىتىلغان، توغرىلانغان.
كۈن چىقىشقا قاراقلىق دېرىزە تۈۋىگە قويۇلغان قوش كىشىلىك ياغاچ كارىۋات ئۆينىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەنىدى.
قاراۋاتقان، قاراپ تۇرغان.
تاجىنساخان موماي تورۇسقا قاراپ ئۇھ تارتىپ ياتاتتى. گۈلەندەم بىلەن دىلبەر ئۇنىڭ بېشىدا قاراقلىق ئىدى.
تەۋە، ئىلكىدە.
يۇرتتىن نېرى بارمايمەن، جان دۈشمەنگە قاراقلىق، زالىملارنىڭ زۇلىمىدا، تولا كىشى قاماقلىق.