UyghurMain Dictionary
بالىلار تىلى
ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرى
بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئويۇنلىرى بولغاندەك ئۆزىگە خاس بالىلىق تىلىمۇ بولىدۇ. مەلۇمكى، بالا تۇغۇلۇپ ئاددىي تىلى چىققۇچىلىك بولغان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ مەقسەت - ھېسياتىنى يىغلاش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ، بۇ دەۋردە ئانا بولغۇچى بالىنىڭ يىغلاش ھالىتىگە قاراپ ھەرخىل پەرەزگە كېلىپ شۇنىڭغا مۇناسىپ سۆزلەرنى قىلىپ بەزلەيدۇ، ئەركىلىتىدۇ ۋە ئاتا - ئانىلىق مېھرى ئۇقۇمى قاتارلىق ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ بىر قىسمى بالىلارنىڭ تەلەپپۇزىغا ماسلاشتۇرۇلغان. بىر قىسمى ھەرخىل قىياپەت - ھەرىكەت ئاۋازىغا تەقلىد قىلىنغان، بەزىلىرى مەخسۇس ياسالغان، قېلىپلاشمىغان سۆزلەردىن بولۇپ، پەقەت بالىلارنىڭ ئاددىي تىلى چىقىش مەزگىلىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەركىلىتىش قاتارلىق ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر:
پىخ - پىخ! پاقە، پاق - پاق (باق - باق)، پاقام (قۇچاقلاش): ئاپا، ئاپام، ئاپپا، ئابۇ، ئابۇش (سۆيۈش).
يېمەك - ئىچمەك ئۇقۇمىدىكى سۆزلەر:
مە - مە، مەم - مەم، مەمەق (بۇ ئەمچەككە سىمۋول قىلىنىپ ياسالغان)؛ ھۈ - م ھۈمۈ - ھۈمۈ ھۈممە: نەن - نەن، ناننا - ناننا (نان)
ھاجەت ئۇقۇمىدىكى سۆزلەر:
جۇجۇ، ئىشىشى، ئىشىشە، مېڭئە (ئىنچىق) پۇققە...
ئاتا - ئانىلىق مېھرى ئۇقۇمىدىكى سۆزلەر:
دە - دە، داد - داد - دادا - داداش. ئەنە - نە، ئانا - نا، ئاناش (ئابە ئاپا - پا ئاپەش) ئا - جە ئاچچا ئاچچا ئاچاش؛ ئاكى، ئەكا، ئاكا، ئاكاش.
پا، پا - پا، ھۇپا ھۇپاپا ( ئىسسىق)؛ ھۈۋ ھۈۋە ھۈۋۋە ھۈۋۋەق (سوغۇق).
مېڭىشقا تەقلىد قىلىنغان سۆزلەر:
دەم - دەم، دەي - دەي، تەي - تەي (شۇڭا بالىنىڭ يېڭى ئايىغى چىققانلىقى <دەمدەم بولدى> دېيىلىدۇ). بۇلاردىن باشقا پاكىزلىق، گۈزەللىك، ئۇقۇمى <ھاي - ھاي>، مەينەت ئۇقۇمى <ھەلەق، ھىششە>، قۇرقۇش ئۇقۇمى <بۆجۇ> <ھۈجۈ>، ئاغرىق ئۇقۇمى <ئۈۋە - ئۈۋە>، <ۋايجان - ۋايجان>، يىقىلىپ كېتىش ئۇقۇمى <دۈڭ>، <دۈم>؛ ئۇخلاش ئۇقۇمى <ئۇخخا>، <ئۇخخە> سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك بالىلارنى ھەرخىل تىغ ئويناشتىن قورقۇتۇش ئۈچۈنمۇ <پىخام بولماق> دېيىلىدۇ.