UyghurMain Dictionary
تۇز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن سېلىنىدىغان، مالغا يالىتىدىغان ئاق شور مېنال ماددا، ناترى.
تاش تۇز، گۈرۈچ تۇز. تۇز ماكانى.* ئاش تۇزى.* تۇزچى، تۇزچىلىق.* تۇزلۇق، تۇزسىز.* تۇز ھەققى _ خۇدا ھەققى ( ماقال ).* تاتلىق بولسۇن دېسەڭ تۇز سال ( ماقال ).* ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن، ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
قارتا ئويۇنىدىكى ئەڭ چوڭ، ھەممىنى باسىدىغان « A » بەلگىلىك، بىر خال چۈشۈرۈلگەن، ساناقتا بىرگە توغرا كېلىدىغان، شاھ ھېسابلىنىدىغان قارتا.
ئويۇننىڭ تۇزى.* تۇز چۈشمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەڭگى _ رويى يېقىملىق، كېلىشىملىك، كۆرۈنۈشى كىشىگە خوشاللىق بېغىشلايدىغان.
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق. چىرايلىق قىز بالدۇر توزار. گۈزەل نام گۈزەل چىرايدىن ئەلا. كۆركەمنىڭ كۈركى بار. ئۇز ئوزىدۇ. ئاز قىل، ئۇز قىل. ئاي جامال، ئاي يۈزلۈك، گۈل جامال ئاي ۋە گۈلگە ئوخشىتىشتىن ھاسىل بولغان. تەيۋەندە بۇلتۇر ساھىبجامال قىز تاللاش بولۇپ ئۆتتى. شاھزادە ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس قىزنى كۆرۈپ ھوشىدىن كەتتى. پادىشاھنىڭ ئاي دېسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى بار بىر قىزى بار ئىكەن. يىراق _ يېقىندىكى شاھزادىلەر ئاشىقىي بىقارار بولۇپ يۈرىشىدىكەن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇز.
(تولدۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ).
3 - 170
خىمىيە بىلىملىرى
قەدىمكى زامانلاردا كۆپلىگەن دۆلەتلەردە »تۇز ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك« ھېسابلىناتتى. قەدىمكى مىسىرلىقلار تۇزدىن ساپ تۇز مونەكچىلىرىنى ياساپ، ئۇنىڭغا بەلگە سېلىپ پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن. ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلمەي ئۇرۇش بولۇپ تۇرغان قەدىمكى رىم دەۋرىدە، ئەسكەرلەر تۇز يوللارنى چارلاپ مۇھاپىزەت قىلغان، ئۇلارنىڭ مائاشى ئۈچۈن ئالتۇن، كۈمۈش ئەمەس، بەلكى تۇز بېرىلگەن. يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر ئاش تۇزىغا باشقا تاۋارلارنى ئالماشتۇرغان. چىخ ۋە سلوۋاكىيە خەلقلىرى ئارىسىدا »تۇز ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك« دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان.
ئادەملەر كۈنىگە10 گرامدىن12 گرامغىچە تۇز ئىستېمال قىلغاندا ئاندىن پائالىيەتلىرىنى نورمال داۋاملاشتۇرالايدۇ. بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى تەر كۆپ چىققاچقا، بەدەندىكى تۇزلار تەر بىلەن بىرلىكتە چىقىپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا تۇز كۆپرەك ئىستېمال قىلىنمىسا، ناترىي كەملىك تۈپەيلىدىن ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، يۇقىرى ھارارەتلىك شارائىتتا ئىشلەيدىغانلارنىڭ تۇزلۇق گازلىق سۇنى ئىچىشى تۇز تولۇقلاش ئۈچۈندۇر.
ئادەم تېنىدىكى قاندا %0.9 تۇز بار بولۇپ، بۇ تۇز قاننى بەلگىلىك ئوسموتىك بېسىمدا ساقلاپ، ئادەم تېنىدىكى نورمال ماددا ئالمىشىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا دوختۇرلار بىمارلارغا بېرىدىغان فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى قويۇقلۇقى %0.9 بولغان ئاش تۇزىنىڭ ئېرىتمىسىدىن ئىبارەت.
ئاش تۇزى يەنە ناھايىتى مۇھىم سانائەت خام ئەشياسى، شۇڭا ئۇ »سانائەت خام ئەشيالىرىنىڭ ئانىسى« دېگەن چىرايلىق نام بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭدىن تۇز كىسلاتا، كۆيدۈرگۈچى ئىشقار قاتارلىق مۇھىم سانائەت خام ئەشيالىرى ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.1 توننا تۇز كىسلاتا ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن5 .1 توننا ئاش تۇزى كېرەك بولىدۇ،1 توننا كۆيدۈرگۈچى ئىشقار ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن2 توننا ئاش تۇزى كېرەك بولىدۇ. تۇز كىسلاتا ۋە كۆيدۈرگۈچى ئىشقار ئاساسلىق خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسى، تۇز بولمىسا خىمىيە سانائىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تۇز
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تۇر
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاش تۇزىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.
ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن، ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن (ماقال).
<خىم> مېتال ئىئونى بىلەن كىسلاتا قالدۇق ئىئونىدىن تۈزۈلگەن بىرىكمە.
كۆچمە. ئاش - تاماق، غىزا، يېمەكلىك.
تۇزۇڭنى يەپ، تۇزلۇقۇڭغا چىچاي (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قارتا ئويۇنىدىكى ئەڭ چوڭ، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ۋە بىرلا قارىتا بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كارتا.
قاغىنىڭ تۇزى. چىللىكنىڭ تۇزى.