UyghurMain Dictionary
شا مېڭبى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1903 - 1972) جۇڭگودىكى ئاخۇن، خېبېي دامىڭشەنلىك، خۇيزۇ. دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1917 - يىلىدىن كېيىن لىڭجاڭ، تيەنجىن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى مەسچىتلەردە ئەرەبچە ئۆگەندى ۋە دىنىي كىتابلارنى ئوقۇدى. 1930 - يىلى بېيجىڭدىكى نيۇگەي مەسچىتىدە مەدرىسىنى پۈتتۈرۈپ چىقتى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەندۇڭ، خېبېي قاتارلىق جايلاردىكى 10 نەچچە مەسچىتتە ئىمام بولدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە خېبېينىڭ چيۇشەن ناھىيىسىدە <خۇيزۇلارنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇيۇشمىسى> غا قاتنىشىپ، تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى بولدى. كېيىن شەندۇڭنىڭ شېنشەن ناھىيىسىدە <خۇيزۇلارنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش ئۇيۇشمىسى> نىڭ مۇدىرى بولدى. ئازادلىقتىن كېيىن باۋدىڭدىكى ۋېيگەي مەسچىتى، گۇاڭجۇدىكى خۇەيشىنسى مەسچىتىنىڭ ئىمامى بولدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 3 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولدى. ئۈچ قېتىم مەككىگە بېرىپ ھەج قىلدى. ئىسلام ئەقىدىسىگە پىششىق. ئەرەبچە خەتتاتلىققا ماھىر بولۇپ، <خەنزۇچە - ئەرەبچە لۇغەت> تۈزدى.