UyghurMain Dictionary
شىك دىنى
دۇنيا تارىخى
جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇق پەنجاپ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان دىن. 16 - ئەسىردە پەنجاپتا پەيدابولغان. ئۇ ھىندى دىنىدىن بۆلۈنۈپ چىققان،ناناك (1469 - 1538) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. ئۇنىڭ مۇرىتلىرى شىك (Sikh، ھىندى تىلىدا <مۇرىت> دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. دەسلەپ شەھەر سودىگەرلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان، فېئوداللىققا قارشى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئىچىدە ھىندى دىنى مۇرىتلىرى، نامرات مۇسۇلمانلارمۇ، ھەتتا تۆۋەن تائىپىدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن كىشىلەرمۇ بولغان. بىر خۇدالىقنى تەشەببۇس قىلىپ، <بىر خۇدا، بىر ئۇستا ۋە بىر ئىسمى ئەزەم (تەڭرىنىڭ ئىسمى)>نى تەرغىپ قىلغان. ھىندى دىنىنىڭ تولىمۇ كۆپ مۇراسىملىرى ۋە تائىپىگە ئايرىشىغا قارشى تۇرۇپ، خۇدا ئالدىدا ھەممە مۇرىتلار پۈتۈنلەي باراۋەر دەپ قارىغان. دەسلەپكى مەزگىلدە <پىر تۈزۈمى> يولغا قويۇلغان، 10 - ئەۋلاد پىردىن كېيىن بۇ تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. كېيىن پەۋقۇلئاددە تەشكىلاتقا ئايلىنىپ، مۇرىتلىرىدىن ئىئانە يىغىپ ھۆكۈمەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان تەشكىلات بولۇپ قالغان. <گرانت ساھىب> ئاساسىي مۇقەددەس كىتابى قىلىنغان. 17 - ئەسىردەموغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئامرىنىسارنى مەركەز قىلىپ، پەنجاپتا تايانچ بازا قۇرۇپ، ئىستىھكام - قورغان ياساپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، فېئوداللىققا قارشى قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئەنگىلىيەگە قارشى كۆپ قېتىملىق كۈرەش ئېلىپ بارغان.