UyghurMain Dictionary
يۆنىلىشلىك ھەرىكەت
بىئولوگىيە
يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەڭپۇڭ بولمىغان ئۆسۈشى ئارقىلىق تاشقى مۇھىتنىڭ يەككە يۆنىلىشلىك غىدىقلىشىغا جاۋابەن پەيدا قىلىدىغان ھەرىكىتى. ئۇنىڭ يۆنىلىشى غىدىقلىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن، قۇياشقا ئىنتىلىشچانلىق، يەرگە ئىنتىلىشچانلىق قاتارلىقلار. يۆنىلىشلىك ھەرىكەتنىڭ يۆنىلىشى بىلەن غىدىقلىنىشنىڭ يۆنىلىشىدە بەلگىلىك مۇناسىۋەت بولىدۇ، بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بوشلۇق شارائىتقا ماسلىشىش ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت يۆنىلىشلىك ھەرىكەت ئوڭ ۋە تەتۈردىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئىپادىلىنىدۇ، غىدىقلىنىشقا قاراپ ئۆسۈش ئوڭ يۆنىلىشلىك ئۆسۈش، غىدىقلىنىش يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتە ئۆسۈش تەتۈر يۆنىلىشلىك ئۆسۈش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، يىلتىز ئۇچىنىڭ يەرگە قاراپ ئۆسۈشى ئېغىرلىق كۈچىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئۆسۈش بولۇپ، ئوڭ يۆنىلىشلىك ئۆسۈ بولىدۇ. غولىنىڭ ئېغىرلىق كۈچىنىڭ يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتە ئۆسۈشى تەتۈر يۆنىلىشلىك ئۆسۈش بولىدۇ.