—Reference
مانى
يۈز مەشھۇر شەخىس
216 - 276
مىلادى Ⅲ ئەسىردە ئۆتكەن پەيغەمبەر مانى مانى دىنىنىڭ ئاساسچىسى. مانى دىنى ئاللىقاچان يوقالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ دىن تارقالغان مەزگىللەردە ئۇنىڭ زور تۈركۈمىدىكى مۇرىتلىرى بولغان، بۇ دىن ئوتتۇرا شەرقتىن تاكى تىنچ ئوكياننىڭ كەڭ رايونلىرىغىچە تارقىلىپ، تەسىرى مىڭ يىلدىن ئۇزاقراق داۋام قىلغان.
مانى بەرپا قىلغان مانى دىنى ئىلگىرىكى ھەر قايسى دىنىي ئىدىيىلەرنى دانالىق بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ئىدى. مانى زوروئاستېرىرۇ، ساكيامۇنى، ئىيسالارنى ھەقىقىي پەيغەمبەر دەپ ئېتراپ قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ مانى دىنىنى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دەپ قارايتتى.
گەرچە مانى دىنى بۇددا دىنى ۋە خرىستىئان دىنى تەركىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن زوروئاستېرۇنىڭ ئىككى مەنبەچىلىك نەزەرىيىسىنىڭ تەركىبلىرى تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. مانى دۇنيا ئىككى خىل كۈرەش مەركىزى دېگەننى تەشەببۇس قىلغان؛ ئۇنىڭ بىرى يامانلىق، يەنى قاراڭغۇلۇق ۋە مادد؛ ئىككىنچىسى ياخشىلىق، يەنى يورۇقلۇق ۋە روھتىن ئىبارەت. قارىماققا بۇ خىل ئەقىدە خرىستىئان دىنىدا ئېيتىلغان <روھ ۋە شەيتان>غا ئوخشاپ كېتىدۇ. مانى دىنى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ كۈچى ئۆز ئارا تەڭ دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراشقا ئاساسلانغاندا خرىستىئان دىنى ۋە يەھۇدىي دىنى پەيلاسوپلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت چىرمىۋالغان يامانلىقنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى ھەققىدىكى زىددىيەت مانى دىنىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھېچقانداق قىيىن مەسىلە ھېسابلانمايدۇ.
بۇ خىل پەلسەپىنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە، مانى دىنى مۇرىتلىرى پەرزەنت كۆرۈپ، ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈن بولغان تەقدىردىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش لازىم دەپ قارايدۇ. مانى دىنى مۇرىتلىرى يەنە گۆش ۋە ھاراقتىن پەرھىز تۇتاتتى.
مانى 216 - يىلى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان مېسوپوتامىيىدىكى مەلۇم جايدا تۇغۇلغان. خرىستىئان ئېتىقادنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ئائىلىدە تۇغۇلغان. خىرىستىئان ئېتىقادنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ئائىلىدە چوڭ بولغان. 12 ياش ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئېڭىدا زاھىر بولغان قوشكېزەك پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ئېڭىدا ئىككىنچى قېتىم زاھىر بولغاندا ئۇنى يېڭى دىننى تەشۋىق قىلىشقا چاقىرغان. 24 ياش ۋاقتىدا يېڭى دىننى تەشۋىق قىلىشنى باشلىغان مېسوپوتامىيىدىكى دىن تەشۋىقاتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھىندىستانغا بېرىپ دىن تارقىتىپ، مۇرىت توپلىغان. ئۇ ئۆمرىدە بىر نەچچە كىتاپ يازغان. بۇلاردىن بىرى پارس تىلىدا، قالغانلىرى قەدىمكى سۈرىيە تىلدا يېزىلغان. بۇ كىتابلار نامى دىننىڭ رەسمىي دىنىي كىتابلىرى ھېسابلىنىدۇ.