—Reference
ژانىر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(فرانسۇزچە genre تۈر، خىل سۆزىدىن )
ئەدەبىي ئەسەرلەرنى شەكلى جەھەتتىن تۈلەرگە ئايرىش. بارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى يا ئۇ خىلدىكى، ياكى بۇ خىلدىكى ژنىر ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئىدىيىۋى مەزمۇننى ئىپادىلەشنىڭ كونكرېت فورمىسى - ژانىر بولمايدىكەن، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى مەۋجۇت بولالمايدۇ.
ئەدەنىيات تارىخىدىن مەلۇمكى، ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا ئەپسانە، چۆچەك، ماقال - تەمسىل، مەسەل ۋە شېئىر، داستان، ھېكايە، رومان، دراما، فېلىيەتون قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر پەيدا بولغان. مانا مۇشۇ تۈرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئالازھىدىلىكىگە ئاساسەن ژانىرلارغا ئايرىش مۇمكىن.