UyghurMain Dictionary
فرانسىيە ئىككىنچى ئىمپېرىيىسى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيەنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىككىنچى ئىمپېرىيە (1852 - 1870). ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ زۇڭتۇڭى لۇئى ناپالېئون بۇناپارت 1851 - يىل 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۆزىنى پادىشاھ ۋە ناپولېئون Ⅲ دەپ ئاتاپ، فرانسيە ئىككىنچى ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. ناپولېئون Ⅲ تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن، كېيىنكى مەزگىللىرى لىبرالىزملىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى يۈرگۈزگەن. غەرب تارىخچىلىرى شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيىنى ئىككى باسقۇچقا بۆلگەن. ئالدىنقى مەزگىل (1852 - 1870) <ھاكىممۇتلەقلىق ئىمپېرىيە دەۋرى> دەپ ئاتىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىق يولغا قويۇلۇپ، گراژدانلارنىڭ ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى ۋە خەلق سايلىمىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش تەشكىلاتلىرى قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىپ، چوڭ ھۇقۇق پادىشاھنىڭلا چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى قوللىنىپ، بانكىلارنى كېڭەيتىپ تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانال، تۆمۈريول ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەن؛ دىپلوماتىيە جەھەتتە تىنچىلىق ۋە مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى كۆز - كۆز قىلغان. لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا ناپولېئونچە <شان - شۆھرات> قازىنىشنى ئىزدەپ، روسىيەگە قارشى قىرىم ئۇرۇشى (1853 - 1856) ۋە ئاۋسترىيىگە قارشى ئىتالىيە ئۇرۇشىغا (1859) قاتناشقان. كېيىنكى مەزگىلى (1860 - 1870) <ئەركىن ئىمپېرىيە مەزگىلى> دەپ ئاتالغان. دۆلەت ئىچىدە، نارازىلىق كەيپىيات كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن، 1860 - يىلدىن باشلاپ بىرقانچە تۈرلۈك لىبرالىزملىق ئىسلاھات تەدبىرىنى يۈرگۈزۈپ، قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، پۇقرالار ئەركىنلىكىگە بولغان بېسىمنى بوشاتقان؛ ئەنگلىيە بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزگەن (1860). سۈۋەيىش قانىلىنى قازغان (1859 - 1869). مېكسىكىغا ھەربىي مۇداخىلە يۈرگۈزگەن (1862 - 1867). ئالجىرىيە قوزغىلىڭىنى باستۇرغان (1861 - 1866). جۇڭگو (1856 - 1860) ۋە ھىندۇنېزىيىگە (1856 - 1863) بولغان مۇستەملىكە تاجاۋۇزچىلىقىنى جىددىيلەشتۈرگەن. 1866 - يىلدىكى پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن پرۇسسيە بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالغان، 1870 - يىلى ئىسپانىيەنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى پرۇسسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. سېدان قوشۇنى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى پارىژ ئىنقىلابى پارتلاپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيە گۇمران بولغان.