Uyghur→ChineseMain Dictionary
چاڭدان
بىئولوگىيە
花药
huāyào
ئاتىلىقنىڭ ئۇچىدىكى چوڭايغان قىسىم، شۇنداقلا چاڭ ھاسىل قىلىدىغان تۈزۈلۈش. ئۇ 2 - 4 كېچە چاڭ خالتىسى (كىچىك سپورىلىق خالتا) دىن تۈزۈلىدۇ، ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، ئوتتۇرىدا چاڭدان توسۇقى بولىدۇ. چاڭدان توسۇقىدا قاناللار باغلىمى بولۇپ، ئاتىلىق يىپى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. يۇمران چاڭداننىڭ سىرتىدا بىر قەۋەت ئېپىدېرما، ئىچىدە نېپىز پوستلۇق توقۇلما بولىدۇ. كېيىن تۆت بۇلۇڭدىكى ئېپىدېرمىنىڭ ئاستىدىن سپورا ئىپتىدائىي توقۇلمىسى دىففېرېنسىيىلىنىپ چىقىدۇ. ئۇ غولىغا پاراللېل بۆلۈنۈپ ئچىكى تەرەپكە سپورا ياسىغۇچى ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ھۈجەيرىلەر يېتىلىپ چاڭ ئانا ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىپ، سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش ئارقىلىق چاڭ ھاسىل قىلىدۇ؛ سىرتقى تەرەپكە ئۈچ قەۋەت ھۈجەيرە يەنى تىۋىتلىق قەۋەت، ئوتتۇرا قەۋەت ۋە تالالىق قەۋەتنى ھاسىل قىلىپ چاڭدان پوستىنى تۈزىدۇ. چاڭدان پىشقاندا چاڭدان پوستىنىڭ تالالىق قەۋىتى بىلەن ئېپىدېرمىسىلا قالىدۇ. چاڭ پىشقاندا چاڭدان چاڭ خالتىسى ئارىسىدىكى تالالىق نېپىز پوستلۇق قىسىمىنى بويلاپ يېرىلىپ چاڭنى تارقىتىدۇ. يېرىلىش ئۇسۇلى كۆپ ساندىكىلىرىدە بويىغا بولىدۇ (قىچا، كۆك پۇرچاق، شال)، تۆشۈك ئېچىلىپ يېرىلىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. (ياڭيۇ، پېدىگەن، كاككۇكگۈل)، تىلىم بويىچە يېرىلىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ (كامفورا، زىرىق).
دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك,ئۇنىۋېرسال,ئورمانچىلىق,باغۋەنچىلىك
花药
huā yàoDباغۋەنچىلىك
花粉室
huā fěn shìDئۇنىۋېرسال
药窝
yào wōDئورمانچىلىق
药室
yào shì