UyghurMain Dictionary
كارلوس ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئىسپانىيە بوربون خاندانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەخت ۋارىسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولغان ئۇرۇش. ئاساسلىقى ئىككى قېتىم بولغان: (1) ئىسپانىيە كورۇلى فېردىناندو Ⅶ 1833 - يىلى ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى بولمىغانلىقتىن، ئۈچ ياشلىق چوڭ قىزى ئىزابېللا (ئىزابېللا Ⅱ دەپ ئاتالغان) تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، ئانىسى مارىي كرىستىنا نائىب بولغان، فېردىناند Ⅶ نىڭ ئىنىسى دون كارلوس (1788 - 1855) ئاياللارنىڭ پادىشاھى بولۇشنى مەنئىي قىلىدىغان <سارىك قانۇنى>نى سۈيىئىستېمال قىلى تەختنى تارتىۋالغان ۋە ئۆزىنى چارلېس Ⅴ دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش كېلىپ چىققان. دون كارلوس ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى (كارلوسچىلار) پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ۋە دىنىي ھۆكۈم چىقىرىش مەھكىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، يەرلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، فېئودال ئاقسۆڭەكلەر، چېركاۋ ۋە شىمالىي قىسىم، شەرقىي شىمالىي قىسىمدىكى قالاق رايونلار دېھقانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. نائىبلىق قىلىۋاتقان كورۇلىۋا تەرەپتە بولسا لىبېرال ئاقسۆڭەكلەر ۋە بۇرژۇئازىيە تۇرغان. ئۇرۇش ئاساسلىقى كاتالونىيە ۋە باسكونىيىلەردە ئېلىپ بېرىلغان. 1839 - يىلى كارلوسچىلار يېڭىلگەن. شۇ يىلى سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈلۈپ، بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇش ئاياغلاشقان. (2) 1873 - يىلى كارلوسچىلار يەنە ئۇرۇش قوزغاپ، 8 - ئايدا ئېستېلىيەنى بېسىۋالغان ( ۋە ئۇنى پايتەخت قىلغان). ئۇلار چوڭ دون كارلوسنىڭ نەۋرىسى كىچىك دون كارلوس (1848 - 1909) نى تەختكە ئولتۇرغۇزماقچى بولغان. 1876 - يىلى 2 - ئايدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئېستىلىيىنى قايتۇرۋالغان. كارلوسچىلار يېڭىلىپ، باشلىقى فرانسىيىگە قېچىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئاياغلاشقان.