UyghurMain Dictionary
ئاندېس شەرتنامىسى تەشكىلاتى
دۇنيا تارىخى
<ئاندېس گۇرۇھى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكا ئاندېس تاغ تىزمىسى رايونى ئەللىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1969-يىلى 5-ئايدا، ىلى، پېرۇ، ئېكۋادور، بولىۋىيە، كولومبىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت <ئاندېس شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغاندىن كېيىن رەسمىي تەشكىللەنگەن. 1973-يىلى چىڭ بۇنىڭدىن چېكىنىپ چىققان. تەشكىلاtنىڭ مەقسىتى: دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەكشى ۋە ماسلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرىلىتىش، مىللىي ئىگىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. 1980-يىلى ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پۈتكۈل چېگرا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئەركىن سودىنى يولغا قويۇپ، سىرتقى ئورتاق چېگرا بېجىنى بەلگىلەپ، ئاندېس ئورتاق بازىرىنى تەشكىل قىلغان. سىرتتىن كېلىدىغان مۇداخىلە ۋە سىياسىي، ئىقتىسادىي بېسىمغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن. 1983-يىلى 10-ئايدا مەزكۇر تەشكىلات بىلەن ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالىي ئورگىنى - رەھبەرلىك كومىسسىيىسى (ئاندېس شەرتنامىسى كومىتېتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا تېخنىكا كومىسسىيىسى ۋە تاشقى سودا كېڭەشمىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭ باش شتابى پېرۇنىڭ پايتەختى لىما شەھىرىدە.