Uyghur→ChineseMain Dictionary
بىر تۆشۈكلۈكلەر ئەترىتى
بىئولوگىيە
单孔目
dānkǒngmù
سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىنىڭ ئىپتىدائىي سۈت ئەمگۈچى كەنجى سىنىپىدىكى پەقەت بىرلا ئەترەت. ئۇلار ھازىرقى ئەڭ ئىپتىدائىي سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار يەر باغىرلىغۇچىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان، مەسىلەن، ئۇلار تۇخۇم سېلىپ كۆپىيىدۇ، سېرىقى كۆپ شاكاللىق تۇخۇم تۇغىدۇ. چىشىسىنىڭ تۇخۇم بېسىش قىلىقى ساقلانغان. سۈت بەزلىرى <سۈت بەزلىرى رايونى> غا ئېغىز ئاچقان، ئەمچە توپچىسى يوق، مۈرە بەلبېغىنىڭ تۈزۈلۈشى يەر باغىرلىغۇچىلارنىڭكىگە ئوخشاش. كلوئاكا بوشلۇقى بار بولغاچقا <بىر تۆشۈكلۈكلەر ئەترىتى> دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ چېتىشىش ئورگىنى بولمايدۇ. چوڭ مېڭە پوستلۇقى تەرەققىي قىلمىغان، قاداقلىق تەنچىسى (كاللوزا تەنچىسى) يوق. ئاغزىدا گۆشلۈك يۇمشاق كالپۇكى يوق، يېتىلگەنلىرىنىڭ چىشى يوق. جېغىدا مۈڭگۈز ماددىلىق تۇمشۇقى بار. بەدىنى تۈكلۈك، بەدەن تېمپېرتۇرىسى تۆۋەنرەك ھەم تۇراقسىز بولۇپ، 25 - 35 ئارىلىقىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سوغۇق پەسىللەردە ئۈچەككە كىرىپ تومۇزلاردا يېتىۋېلىپ ئۇۋىسىدىن چىقمايدۇ. بۇ ئەترەتنىڭ تاش قالدۇقلىرى ئەڭ دەسلەپ ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ تۆتىنچى دەۋر يەر قاتلىمىدىن تېپىلغان. ھازىرقى تۈرلىرى پەقەت ئاۋسترالىيە ۋە شۇ ئەتراپتىكى ئاراللاردا ياشايدۇ. ئۇلار جەمئىي ئىككى ئائىلە ئۈچ ئۇرۇقداشقا بۆلۈنىدۇ، ئۇلار ئىچىدىكى ۋەكىل ھايۋانلاردىن ئۆرەك تۇمشۇق ئائىلىسىدىكى ئۆرەك تۇمشۇق (Ornithorhnchusanatinus) بىلەن يىخىدنا ئائىلىسىدىكى يېخىدنا (Echidna aculeata) لار بار.