Chinese→UyghurMain Dictionary
保罗.狄亚康
دۇنيا تارىخى
پائۇل دىياكون
(تەخمىنەن 720 - 800) ئىتالىيىنىڭ لومبارد مىللىتىدىن بولغان تارىخشۇناسى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. لومبارد كورۇلى دېسدېرىنىڭ خىزمىتىدە بولغان. مىلادى 774-يىلى لومبارد خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، كاسنو تېغىدىكى (ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان) موناستىرغا پاناھلىنىپ بېرىپ، راھىب بولغان. 782 - 786 - يىللىرى يەنە ئىمپېراتور چارلېسنىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان. 6 توملۇق <لومباردلار تارىخى> ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا لومبارد مىللەتلىرىنىڭ 568-يىلى ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، دۆلەت قۇرغان ۋاقتىدىن تارىتپ، 747-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. مەزكۇر كىتاب مۇل ماتېرىياللار ئاساسىدا يۈكسەك ئەدەبىي ماھارەت بىلەن يېزىلغان بولۇپ، بىر قەدەر يۇقىرى ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە <رىم تارىخى> ۋەقەلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئېئۇتروپىي (؟ - تەخمىنەن 370) يازغان <رىم تارىخى> نىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ.