Uyghur→ChineseMain Dictionary
يەر پەرمانى
دۇنيا تارىخى
土地法令
tǔ dì fǎ lìng
روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى پەرمانلىرىنىڭ بىرى. لېنىن <پۈتۈن مەملىكەت دېھقانلىرىنىڭ ۋەكالەتنامىسى> نى ئاساس قىلىپ تۈزۈپ چىققان. 1917 - يىل 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى) پۈتۈن روسىيە ئىشچى - ئەسكەرلەر ۋەكىلى سوۋېتىنىڭ 2 - قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا خۇسۇسىي يەر مۈلۈكچىلىكىنى بىكار قىلىش ئېلان قىلىنغان. يەر، ئورمان، كان بايلىقى، سۇ ئېقىنلىرى دۆلەت ئىگىلىكىدە بولىدۇ؛ پومېشچىك، خان جەمەتى، بۇتخانىلار، چېركاۋنىڭ يەرلىرى ۋە ئۇنىڭ تېرىلغۇ ئۇلاغلىرى، دېھقانچىلىق سايمانلىرى، قورۇق قۇرۇلۇشلىرى ۋە بارلىق شۇنىڭغا تەۋە نەرسىلەر يېزا يەر كومىتېتىغا ۋە ئۇ يېزىلىق (ناھىيىلىك) دېھقانلار ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇ سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ يەر قانۇنىغا ئائىت تۇنجى ھۆججىتى بولۇپ، سوۋېت دۆلىتىنىڭ يەر سىياسىتىگە ئاساس سالغان.
قانۇنشۇناسلىق
土地法令
tǔ dì fǎ lìng