Chinese→UyghurMain Dictionary
无双议院
دۇنيا تارىخى
تەڭداشسىز پالاتا
فرانسىيە بوربون خاندانلىقى ئىككىنچى نۆۋەت تىرىلگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاۋام پالاتاسى. ناپولېئوننىڭ يۈز كۈنلۈك خاندانلىقى گۇمران بولغاندىن كېيىن، 1815-يىلى 8-ئايدا، ئاۋام پالاتا سايلىمى ئۆتكۈزۈلپ، 10-ئاينىڭ 7-كۈنى يىغىن چاقىرىلغان. لۇئى ⅩⅤⅢ ئۇچىغا چىققان مونارخىستلار مۇتەلق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن (402 ئورۇننىڭ 350 نى ئىگىلىگەن) بۇ ئاۋام پالاتاسىنى <تەڭداشسىز پالاتا> دەپ ئاتىغان، پالاتا <سىياسىي جىنايەتچىلەر پەۋقۇلئاددە سوتى توغرىسىدا>، <ئىسيانغا قۇتراتقۇچىلارنى جازالاش قانۇنى> قاتارلىق پەرمانلارنى ئارقا - ئارقىدىن ماقۇللاپ، قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. فرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى ئالاقزادە بولۇشۇپ كەتكەن، مۇقەددەس ئىتتىپاقتىكى دۆلەتلەرمۇ فرانسىيىدە يەنە بىر قېتىم ئىنقىلاب پارتىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئاگاھلاندۇرۇش قىلغان. لۇئى ⅩⅤⅢ 1816 - يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنى پالاتانى تارقىتىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە كېيىنكى نەچچە يىلدا بىرقەدەر مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزگەن.