UyghurMain Dictionary
بىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياخشىلىق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىر.
ساناق سان. بىر يارماق _ بىر يارماق.
1 - 422
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىر.
بىر يارماق _ بىر يارماق.
3 - 168
بىئولوگىيە
بىر
بىئولوگىيە
جەنۇب
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سان <مات> ئەت كىچىك ساناق سان ۋە بۇ ساننى ئىپادىلىگەن <1> رەقىمى.
گەپ بىر، قۇلاق ئىككى (ماقال).
بىرنى بىرگە قوشسا ئىككى بولىدۇ.
ئى. ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى <ى> بىلەن كېلىپ مەلۇم بىر <كىشى، ئادەم> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
بىرىدىن قۇتۇلۇپ ئونىغا تۇتۇلدۇم (ماقال).
ئال. ئىسىملارنىڭ ئالدىدا كېلىپ <شۇ>، <مۇشۇ>، <ئوخشاش بىر> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ھېيتەم ئەر - خوتۇن بىر مەكتەپتە ئىشلەيدۇ.
ئال. ئېنىقسىز قوشۇمچە ۋەزىپىسىدە كېلىپ <قانداقتۇر، ئاللىقانداق، قايسىدۇر، قاچاندۇر>غا ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
بىر كۈنى. بىر ئاخشىمى.
رەۋ. پېئىللارنىڭ ئالدىدا ھالەت بولۇپ كېلىپ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ مەنىسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
بۇ خەۋەر مەھەللىگە بىر كەلدى.
ئال <كىم>، <نېمە> سوئال ئالماشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئېنىقسىز ئالماش رولىدا كېلىدۇ.
ئايگۈل يولدا تونۇش بىر كىم ئۇچراپ قالسا بولاتتى، دەپ پات - پاتلا ئەتراپىغا قاراپ قوياتتى.
سۈپ.
ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېلىپ ئېنىقلانغۇچىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بەلگە ۋە خۇسۇسىيەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بىر مەسىلە.
يۈك. <يالغۇز>، <پەقەت> دېگەن مەنىدە تەكىتلەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
بۇ ئىشنى بىر تۇرسۇنلا بىلىدۇ، باشقىلار بىلمەيدۇ.
سۈپ. ئىسىملىق جۈملىنىڭ خەۋىرى بولۇپ <ئورتاق>، <ئوخشاش> دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ.
ئەرەبلەر 23 دۆلەت ۋە رايونغا بۆلۈنگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ تىلى بىر، يېزىقى بىر، ئېتىقادى بىر.
رەۋ. باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ سۆز ياساش رولىنى ئوينايدۇ.
بىر ئاز. بىر قۇر.
باغل <بىردە>، <بەزىدە> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ، ئايرىغۇچى باغلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ.
- بىر ئۇندق دەپ، بىر مۇنداق دەپ دىققىتىمنى چېچىۋەتتىڭىز ئەپەندىم، - دەپتۇ ھەسەن زەرگەر