Chinese→UyghurMain Dictionary
威廉二世
دۇنيا تارىخى
ۋىلھېلم Ⅱ
(1859 - 1941) گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ۋە پرۇسسىيىنىڭ كورۇلى (1888 - 1918) ۋىلھېلم Ⅰ نىڭ نەۋرىسى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغلىرى يۇنكېر - بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئىچكى جەھەتتە ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرغان، ئىشچى ئاقسۆڭەكلەرنى سېتىۋېلىپ، ئىشچىلار قوشۇنىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، سىرتقا قارىتا مۇستەملىكىچىلىك - كېڭەيمىچىلىكنى يۈرگۈزۈپ، دۇنياغا خوجا بولۇش نىشانىغا يەتمەكچى بولغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن باشلاپ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىقنى كۈچەيتكەن: 1897 - يىلى فىلوت ئەۋەتىپ جۇڭگونىڭ جياۋجۇ قولتۇقىنى بېسىۋالغان؛ 1898 - يىلى ئۆزى تۈركىيىگە بېرىپ ھەرىكەت قىلىپ، باغداد تۆمۈريولىنى قۇرۇش ھوقۇقىنى ئۇزارتماقچى بولغان، يېقىن شەرقتە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتكەن؛ 1900 - يىلى 7 - ئايدا ئاتالمىش <ھون نۇتۇقى> نى ئېلان قىلىپ، قوشۇن تارتىپ جۇڭگودىكى يىخېتۇەن ھەرىكىتىنى باستۇرغان ۋە جۇڭگو زېمىنىنى بۆلۈشۈۋېلىش رىقابىتىگە قاتناشقان؛ 1905 - ۋە 1911 - يىللىرى ماراكەش كرىزىسىنى پەيدا قىلىپ، فرانسىيە بىلەن ماراكەشتىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تالاشقان؛ كۆپ قېتىم بالقان ئىشلىرىغا قول تىققان، شۇ ئارقىلىق گېرمانىيە بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيىدىن ئىبارەت دۆلەتلەرنىڭ زىددىيىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارادىكى جىددىي ۋەزىيەتنى بارغانسېرى يامانلاشتۇرۋەتكەن. 1914 - يىلى سارايېۋو ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1918 - يىلى گېرمانىيىدە دېكابر ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەتنى تۇتالماي، گوللاندىيىگە قېچىپ كەتكەن. ئۇنىڭ <1878 - 1914 - يىللىرىدىكى ئۇرۇش پارتلىغان چاغدىكى ۋەزىيەت> ناملىق ئەسلىمىسى بار.