UyghurMain Dictionary
ئىلمىي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - پەنگە ئائىت، ئىلىم - پەنگە ئاساسلانغان.
ئىلمىي تەكەببۇرلۇق نادان تەكەببۇرلۇقتىن يەنىلا كەمتەر بولىدۇ. ئىلمىي جەمئىيەتلەر كۆپلەپ قۇرۇلدى. بالام پەننىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. پەننىي بىلىملەر تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىلىم - پەنگە ئاساسلانغان، ئىلىم - پەن قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن. ئىلمىي خۇلاسە، ئىلمىي تەدبىر، پەننىي ئەقىدە
غەيرىي ئىلمىي، خۇراپىي
ئىلىم - پەنگە ئاساسلانمىغان، ئىلىم - پەن قانۇنىيەتلىرىگە زىت. غەيرىي ئىلمىي خۇلاسە، غەيرىي ئىلمىي تەدبىر، خۇراپىي ئەقىدە
ئىلمىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىش دەۋرنىڭ تەلىپى. پەننىي بىلىملەر تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئىلىمگە، ئىلىم - پەنگە ئائىت، ئىلىم - پەنگە ئاساساسلانغان.
ئىلمىي ئەسەر. ئىلمىي خۇلاسە. ئىلمىي تەجرىبە. ئىلمىي خادىم.
ئوقۇشقا، ئوقۇش - ئوقۇتۇش، مائارىپ ئىشلىرىغا ئائىت ھەم شۇ قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.
ئىلمىي بۆلۈم. ئىلمىي مۇدىر. ئىلمىي باشقارما.