UyghurMain Dictionary
ئار
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
نومۇس، ئۇيات.
ئار ئالماق، ئار بىلمەك، ئار - نۇمۇسنى ئاقلىماق. * ئار - نومۇسنى يوقاتقان ئەرنى ئەل ئادەم دېمەس (ماقال).
يىرگىنچلىك خار بولۇپ تاپقان نېمەت،
قازىنىڭنى تولدۇرىدۇ ئار بىلەن پەقەت.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
ئۆلچەم بىرلىكى.
بىر ئار گېگتارنىڭ يۈزدىن بىرىگە، يەنى 100 كۋادرات مېتىرغا ياكى 0.15 موغا تەڭ.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇيات، نومۇس؛ خىجالەتچىلىك، ئۇيۇلۇش تۇيغۇسى.
ئابرۇي، پەخر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نومۇس، ئۇيات؛ ئەپسۇس، ئۇياتماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ ئۆز ئىززەت - ھۈرمىتىنى ساقلاش، قەدىرلەش تۇيغۇسى.
نومۇس مەسىلىسى - ئالاھىدە غۇرۇرلۇقنىڭ بەلگىسى. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. نومۇسىنى بىلمىگەن ئادەمدە گۈزەل ئەخلاق بولماس. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار بولار. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسىنى ئۇنتۇر. ئۇيات تۇرغان يەردە، ئىمان تۇرار. كېپەكتە قۇۋۋەت يوق، ئابدالدا ئۇيات. - كىشىدىن ھايات كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر. ھايا بار يەردە ۋاپا بار. قىزنىڭ كۆركى شەرم - ھايا. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئار بۆرى _ سىرتلان (يال بۆرە). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كۆرۈپ نەچۈك قاچامادىم
يامار سۇۋىن قاچامادىم
تاۋارىڭنى ساچامادىم
يېسۇن سەنى ئار بۆر
{كۆرۈپ نېچۈك قاچمىدىڭ،
يامار سۇيىن كەچمىدىڭ.
تاۋاىرىڭنى چاچمىدىڭ،
يىسۇن سېنى يال بۆرە.}
يېڭلىپ تۇتقۇن قىلىنغان كىشىگە قارىتا ئېيتىلىدۇ: مېنى كۆرۈپلا نېمىشقا قاچمىدىڭ؟ نېمىشقا يامار سۇيىنى كەچمىدىڭ؟ نېمىشقا ماللىرىڭنى چېچىۋېتىپ، جېنىڭنى قۇتۇلدۇرمىدىڭ؟ ئەمدى سېنى سىرتلان يىسۇن.
1 - 108
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئار نەڭ_ پور رەڭ نەرسە. گايىدا قوشۇمچە قوشۇلۇپ « ئارسال» مۇ دېيىلىدۇ.
1 - 1 09
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئار - فرانسۇز تىلىدىن كەلگەن مېتر سىستېمىسىدىكى 100 كۋادرات مېترغا، ياكى 15.0 موغا تەڭ بولغان يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى. بىر گېكتارنىڭ 100 /1.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئاجىزلاش، چارچاش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆزىگە مۇناسىپ، ئەپ كۆرمىگەن ئىشتىن، نەرسىدىن خىجالەت بولۇش، ئۇيىلىش تۇيغۇسى؛ ئۇيات، نومۇس.
ئار ئالماق. ئار كەلمەك.
ئۆز ئاتام مالدەك سېتىپ، قىلماقچى قەستى پۇل مېنى. پۇل ئۈچۈن ئارنى سېتىپ قىلماچى ئەسلى قۇل مېنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<روسچە> <فرانسوزچە> <لاتىنچە>
مىق.مېتىر سىستېمىسىدىكى 100 كۋادرات مېتىرغا ياكى 15.0 موغا تەڭ بولغان ئۆلچەم بىرلىكى. بىر گېكتارنىڭ يۈزدىن بىر قىسمى.