UyghurMain Dictionary
جارىپ
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
جارىپ - قەدىمكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ قوللىنىلغان يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ھەر قايسى دەۋرلەردە ھەر قايسى قايلاردا ئوخشىمىغان قىممەتكە ئىگە بولغان. ئۇ پارسلاردىكى <تاناب> ھىندىستاننىڭ <بىگاخ> دېگەن ئۆلچەم بىرلىكى بىلەن ئوخشاش قىممەتكە ئىگە. قەدىمكى ھىندىستاندا بىر جارىپ 3600 گەزگە باراۋەر بولغان. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر جارىپ 952 كۋادرات مېتردىن سەل ئارتۇق بولغان. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە (15 - ئەسىردىن بۇرۇن) ئىران ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردا بىر جارىپ 985 كۇۋادرات مېتىرغا باراۋەر بولغان (مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر: <تارىخ رەشىدى> )خەنزۇچە تەرجىمىسى(، 191 - بەتتىكى ئىزاھ).