UyghurMain Dictionary
ئايماق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئۇرۇغ، قەبىلە؛ يۇرت، ۋىلايەت، ئوبلاست.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاساسەن دېھقانلار، چارۋىچىلار، ئورناشقان جايلار، شەھەرگە نىسبەتەن، ئاساسەن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قىلىنىدىغان جايلار.
<يېزا> مەملىكىتىمىزدە بىر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورنى، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرغان يەر.
<كەنت>، <مەھەللە> يېزا ئاستىدىكى مۇختارىيات
يېزىلاردا بىۋاسىتە سايلام يۈگۈزۈلىدۇ. كەنت مەمۇرىي كەنت تەبىئىي كەنت، دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. مەھەللەڭ تىنچ بولسا، <ئامان مەن> دە. ياخشى ئايغىر ئۇيۇرىنى بۆرىگە ئالدۇرماس، ياخشى يىگىت ئاۋۇلىنى ئوغرىغا ئالدۇرماس.
شىۋىلەر
ئاقسۇ شىۋىسى
مەھەللە، يېزا. مەسىلەن: كۆجۈم ئايماق - توپ مەھەللە.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سۆزلىمەك؛ پاراڭلاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارىختىكى ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ نامى.
قەبىلە.
ھازىر بەزى جايلاردا يېزا ياكى كەنتلەرمۇ <ئايماق> دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئىككى ئېرىقتىن ئىككى ئايماقنىڭ سۈيى ئېقىپ ئۆتتى.