Uyghur→ChineseMain Dictionary
چاۋشيەن باش ۋالىي مەھكىمىسى
دۇنيا تارىخى
朝鲜总督府
cháo xiǎn zǒng dū fǔ
ياپونىيەنىڭ چاۋشىيەندە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزىدىغان ئەڭ ئالىي ئورگىنى. ياپونىيە 1910 - يىلى 8 - ئايدا چاۋشيەننى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى باش نازارەتچى مەھكىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باش ۋالىي مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان. باش ۋالىي ياپونىيەنىڭ خىزمەت ئۆتەۋاتقان قۇرۇقلۇق ئارمىيە، دېڭىز ئارمىيە گېنېراللىرى ئىچىدىن تاللانغان، ياپونىيە تېننوسىغا بىۋاستە قارىغان. باش ۋالىي چاۋشىيەننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ئىشلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كەڭ ھوقۇققا ئىگە بولغان. تۇنجى باش ۋالىي تىرائۇچى ماساي، 1919 - يىلى 1 - مارت ھەرىكىتىدىن كېيىن، ياپونىيە بۇرۇنقى شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقنى يۇمشاق ۋاسىتە بىلەن بېقىندۇرۇش سىياسىتىگە ئۆزگەرتىپ، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنغان ھەمدە باش ۋالىينى خىزمەت ئۆتەۋاتقان قۇرۇقلۇق ئارمىيە، دېڭىز ئارمىيە گېنىراللىرىنىڭ ئىچىدىن تەيىنلەش دېگەن چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئەمما ياپونىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، چاۋشيەننى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشنى جىددىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاۋشيەننىڭ مىللىي ئەنئەنە، تىل، ئۆرپ - ئادەتلەرنى يوقىتىش تەدبىرلىرىنى مەجبورىي يولغا قويۇپ، ياپونىيە بىلەن چاۋشىيەننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، چاۋشيەنلىكلەرنى ياپون فامىلىسىنى قوللىنىشقا مەجبورلاش قاتارلىقلارنى يولغا قويغان. ياپونىيە 1945 - يىلى تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چاۋشيەندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان.