UyghurMain Dictionary
تەڭگىچە غول
بىئولوگىيە
ئوزۇقلۇقنى زاپاس ساقلاش ۋە قىشتىن ئۆتۈپ كۆپىيىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ھالەت ئۆزگەرتكەن تەڭگىچە يوپۇرماقلار ئۆسكەن يەر ئاستى غول، ئۇنىڭ زاپاس ساقلاش ئورگىنى يەر ئاستى غولى بولماستىن بەلكى تەڭگىچە يوپۇرماق. گۈلسامساقنىڭ تەڭگىچە غولى قىسقىراپ تەخسىسىمان ھالەت (تەڭگىچە غول تەخسىسى) گە كەلگەن بولۇپ ئۇنىڭدا سېمىز كلاپانسىمان تەڭگىچە يوپۇرماقلار ئۆسىدۇ، تەڭگىچە يوپۇرماق بىلەن يەر ئۈستىدىكى نورمال يوپۇرماقلار تۇتاشمايدۇ. تەڭگىچە يوپۇرماق قولتۇقىدا قولتۇق بىخ بولىدۇ، بىر قىسىم قولتۇق بىخ يېتىلىپ بالا تەڭگىچە غولغا ئايلىنىدۇ. چوققا بىخ ياكى قولتۇق بىخ تۇپراقتىن چىققاندىن كېيىن گۈل شېخى چىقىرىپ چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ. پىيازنىڭ تەڭگىچە غولىنى كۆپ قەۋەت تەڭگىچە يوپۇرماق ئوراپ تۇرىدۇ، ھەر بىر تەڭگىچە يوپۇرماق، يەر ئۈستىدىكى يوپۇرماقنىڭ ئاساسى بولىدۇ، سىرتىدىكى بىر قانچە قەۋەت قۇرۇپ كەتكەن تەڭگىچە يوپۇرماق قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئىچىدىكى سېمىز تەڭگىچە يوپۇرماقلار ئوزۇقلۇق قىلىنىدۇ. چوققا بىخ ياكى قولتۇق بىخى تۇپراقتىن چىققاندىن كېيىن گۈل شېخى چىقىرىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ. سامساقنىڭ تەڭگىچە غولى پىيازنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ، بىراق پىشقاندا تەڭگىچە يوپۇرماقلار قۇرۇپ كېتىپ، قولتۇق بىخ يوغىناپ زاپاس ساقلىغۇچى قىسىمغا ئايلىنىدۇ.