Chinese→UyghurMain Dictionary
法兰西第一共和
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە بىرىنچى جۇمھۇرىيىتى
فرانسىيىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بىرىنچى جۇمھۇرىيەت (1792 - 1804). فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرەپدارلىرى ھاكىمىيەت تۇتقان. 1791 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇندا پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، لۇئى ⅥⅩ نىڭ يەنىلا پادىشاھ بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 1792 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى ئىنقىلابتا پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ئاغدۇرۇلغان. 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مىللىي ئۇيۇشما جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. بۇ مەزگىلدە سياسىي كۈرەش كەسكىنلىشىپ گىرودىنچىلار ھۆكۈمرانلىقى (1792 - يىلى 8 - ئايدىن 1793 - يىلى 6 - ئايغىچە)، ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسى (1793 - يىلى 6 - ئايدىن 1794 - يىلى 7 - ئايغىچە)، تۇمۇز ئېيى پاتىيىسى ۋە تەپتىش ھۆكۈمىتى (1794 - يىل 7 -ئايدىن 1799 - يىلى 11 - ئايغىچە) ئىجرائىيە ھۆكۈمتى (1799 - يىلى 11 - ئايدىن 1804 - يىلى 5 - ئايغىچە)دىن ئىبارەت باسقۇچلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. سىياسىي تۈزۈلمە پەرقى بەكلا چوڭ بولغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <1793 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن>، <1795 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن>، <1799 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن>نى ئېلان قىلغان. 1804 - يىل 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ناپولېئون بۇناپارت ئىمپېراتورى بولۇپ، بىرىنچى ئىمپېرىيە ئورنىنى باسقان.