Uyghur→ChineseMain Dictionary
كىنوشتانا ئويې
دۇنيا تارىخى
木下尚江
mù xià shàng jiāng
(1869 - 1937) ياپونىيىلىك يازغۇچى. ئوبزورچى. توكيو كەسپىي مەكتىپىنى (ۋاسىدا داشۆسىنىڭ تەكتى) پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا مۇخبىر، ئادۋوكاتا بولغان. 1897 - يىلى ياپونىيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئومۇمىي سايلام ھەرىكىتىنى قوزغىغان. 1901 - يىلى كوتوكۇشۇسۇئى قاتارلىقلار بىلەن بىللە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن. 1903 - يىلى پۇقرالار جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، <ئوت يالقۇنى>، <ئېرىنىڭ ئىقرارى> قاتارلىق ئۇرۇشقا قارشى سوتسىيالسىتىك ھېكايىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشقا قارشى پائالىيەتلەرنى ۋە سوتسىيالىستىك ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1905 - يىلى خرىستىئان سوتسىيالىستلار ژورنىلى <يېڭى ئەسىر> نى نەشىر قىلغان. كېيىن بارا - بارا سىياسىي ھەرىكەتلەردىن ئايرىلغان، ئۇنىڭ تەرجىمىھالى <پۇشايمان>، ھېكايىسى <قەبرىستان>، ئەدەبىي پارچە <ئىلاھ، ئادەم ۋە ئەركىنلىك> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن <كىنوشتانا ئويې ئەسەرلىرى توپلىمى> دىن 15 توم نەشىر قىلىنغان.