UyghurMain Dictionary
سان
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يانباش.
بىر سان گۆش ئالدىم.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . ساناق.
جۈپ سان. * تاق سان. * سانلىق مەلۇمات. * ساندا بار، ھەمياندا يوق (ماقال) . * ئېلىشتا سانغا ئوتتۇز، بېرىشتە سانغا توققۇز (ماقال). * سانى بار، ساپاسى يوق (ماقال) .
2 . پەلسەپە ئاتالغۇسى. سان كاتېگورىيىسى.
سان ئۆزگىرىشى سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3 . گرامماتىكا ئاتالغۇسى. سۆز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى.
ساناق سان. * دەرىجە سان. * مۆلچەر سان. * تەرتىپ سان.
4 . گېزىت - ژۇرناللار، مەجلىس يىغىنلارنىڭ نۆۋەت نومۇرى.
«تارىم»نىڭ 93 - يىللىق 5 - سانى. * «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 90 - يىللىق 1 - سانى. * 7 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى 5 يىل ئىچىدە 30 سان يىغىن ئۆتكۈزدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئىززەت - ھۆرمەت، مەرتىۋە.
سانسىزغا سان تەگدى، ئىشتانسىزغا ھال (ماقال) .
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۆز بىرىكمىسىدە <دەك، سىڭىرى، ئوخشاش، كەبى> دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ: پەرىسان - پەرىگە ئوخشاش؛ دىۋىسىمان - دىۋىدەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پۈتۈن ئورگانىزمى.
تەن ساغلىق _ زور بايلىق. ساپ ھاۋا تەنگە داۋا. ياش بەدەننىڭ ساقايماس يارىسى يوق. ئەر - خوتۇن بىر تەن - بىر گەۋدە بولۇشى كېرەك. كەمتەرلىك ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ مەنزىرلىك بېغىدۇر. جۇغى كىچىك دېمە، ئەقلى تۈزۈك دە. جىسمى گەۋدىلىك بىر كىشى كەلدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەيئىلەرنىڭ قانچىلىكىنى بىلدۈرىدىغان چۈشەنچە.
ساندا بار، ساناقتا يوق. كۆڭلۈڭدە سان بولسا، يېرىم غەلىبە قىلغىنىڭ. نادان دوستنى ساناققا قوشما. ئېدىتسىز ئىش يوق، ئىشنى بىل، ئېدىتىنى بىل. بېرىلمىگەيسەن ھەسەتكە زىنھار، ھەسەتتە يا چەك يوق، يا مىقدار. دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن. ھېسابچى توغرا بولسا، ھېساب خاتا بولماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئايىغىنىڭ تىز بىلەن بەل ئارىلىقىدىكى قىسمى.
بېلىق ئالساڭ، ساغرىسىغا قارا، كاۋا ئالساڭ ساپىقىغا. ئۇنىڭ قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرى كاسىسىغا چۈشەتتى. پۇلنى يىغىدۇ ئاتام، ئاغرىيدۇ مېنىڭ يوتام. سول قولىدا يانباش، ئوڭ قولىدا پىچاق. يانباشقا كەلتۈر، كۆتۈرۈپ ئات. مېھمانغا سان تارتىلدى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
شەيئىلەرنىڭ مىقدارى، ئەدىدى.
سۈپەت، ساپا
شەيئىلەرنىڭ خاراكتېرى، بەلگىسى.
ساماندا كەتكەن دان ساندا يوق. سانى بار، ساپاسى يوق. سۈپەت بىرىنچى. قارىغۇ جۇۋاۋا يەيدۇ، سانى كۆڭلىدە تۇرىدۇ. نادان دوستنى ساناققا قوشما.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئەھمىيەت، ئېتىۋار، قىممەت.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ساناق سان، سان.
قوي سانى نەچە _ قوينىڭ سانى نەچچە، قوي قانچە.
3 - 215
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تەن، بەدەن
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سان، ھېساب؛ ساناق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
شەيئىلەرنىڭ ئاز - كۆپلۈكى، مىقدارى، سانىقى.
بۇلار سان جەھەتتە ئۆتكەنكىدىن كۆپ، سۈپەت جەھەتتىمۇ ياخشى.
<مات> شەيئىلەتنىڭ مىقدارىنى ئىپادىلەيدىغان ئاساسىي ماتېماتىكىلىق ئۇقۇم. مەسىلەن، تەبىئىي سان، پۈتۈن سان، راتسىئونال سان، ئىرراتسىئونال سان، ھەقىقىي سان، كومپلېكس سان ۋە تۈپ سان قاتارلىقلارغا ئوخشاش.
<مات> رەقەم.
كىتابلارنىڭ خەتلىرىناھايىتى تۇتۇق بولۇپ، ئۇنىڭدىكى سانلارنى پەرق قىلغىلى بولمايتتى.
گېزىت - ژۇراناللارنىڭ قەرەل بويىچە چىققان نۇسخىلىرى.
بۈگۈن <تىل ۋە تەرجىمە> ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانى نەشىردىن چىقتى.
<تىل> شەيئىلەرنىڭ ھېسابىنى، رەت تەرتىپىنى ياكى نومۇرلۇق بەلگىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى، مەسىلەن، بىر، ئىككى، بىرىنچى، ئىككىدىن بىر، ئۈچەيلەن، قىرىقچە دېگەنلەرگە ئوخشاش.
كۆچمە. يۇقىرىدىن پىلان بويىچە چۈشۈرۈلگەن نورماق، شتات.
بىر ئامال قىلىپ قىزىم ئۈچۈن بىر سان ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز بولاتتى.
كۆچمە. كۆڭلىگە پۈككەن پىلان.
رەھمەتجان يەڭگىل تىن ئالدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە مەلۇم سان پەيدا بولغانىدى.
<پەلس> شەيئىلەر مەۋجۇتلۇقىنىڭ كۆلىمى، شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسى، شۇنىڭدەك شەيئىلەرنىڭ سان ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئاز - كۆپلۈكى، چوڭ ـ كىچىكلىكى، ئېگىز - پەسلىكى، ئۇزۇن - قىسقىلىقى، ئېغىر - يېنىكلىكى ۋە تېز - ئاستىلىقى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.
ياسىن سىنىپ سانىغا كىرمىسىمۇ ئائىلىدىن بىر ئورۇندۇق ئەكېلىپ سىنىپنىڭ بىر بۇرجىكىدە دەرس ئاڭلاۋەردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاناتومىيە
ئادەم ۋە ھايۋان پۇتنىڭ تىز بىلەن ساغرا ئوتتۇرىسىدىكى قىسمى، يوتا.
سان سۆڭىكى.
قاسساپ كېلەرمىش ساننى كۆتۈرۈپ، ناۋاي كېلەرمىش ناننى كۆتۈرۈپ (ماقال).