UyghurMain Dictionary
كىتابسىمان ئۆپكە
بىئولوگىيە
<ئۆپكە خالتىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار تىپى، ئۆمۈچۈكسىمانلار سىنىپىدىكى ھايۋانلارغا خاس بولغان نەپەسلىنىش ئورگىنى. ھايۋانلارنىڭ قورساق تەرىپىنىڭ ئالدىنقى ئىككى يېنىغا جايلاشقان. ھەر بىر كىتابسىمان ئۆپكە بىر تەن دىۋارىنىڭ ئىچىگە قاتلىنىشىدىن ھاسىل بولغان بىر خالتىدىن ئىبارەت بولۇپ، خالتا بوشلۇقى ئىچىدىكى تېرىسىنىڭ پۈرمىلىرىدىن تەركىب تاپقان. بۇ تېرە پۈرمىلىرى نۇرغۇنلىغان نېپىز پلاستىنكىلارنى شەكىللەندۈرۈپ خالتا بوشلۇقىنىڭ ئالدىنقى دىۋارىدىن بۆرتۈپ چىققان كەينى گىرۋىكى ئايرىلغان، پلاستىنكىلار ئۆزئارا ئاجرىلىپ تۇرغان بولۇپ، پلاستىنكىلار ئىچىدە قان سۇيۇقلۇقى ئايلىنىپ ئېقىپ تۇرىدۇ، نېپىز پلاستىنكىلار كىتاب ۋاراقلىرىدەك قاتلىنىپ تۇرغاچقا، كىتابسىمان ئۆپكە دەپ ئاتالغان. خالتا بوشلۇقىنىڭ كەينى دىۋارىدا پۈرمىلەر بولمىغاچقا بىر بوشلۇق شەكىللەنگەن بولۇپ، پلاستىنكىلار ئارا بوشلۇقلارغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ ھەمدە توغرىسىغا ئېچىلغان ئېغىز ئارقىلىق سىرتقى مۇھىت بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. بۇ ئېغىز، كىتابسىمان ئۆپكە تۈشۈكى دېيىلىدۇ. كىتابسىمان ئۆپكىنىڭ سانى بىردەك بولمايدۇ. ئۆمۈچۈكنىڭ 1 - 2 جۈپ، سېرىقئېشەكنىڭ (چاياننىڭ) تۆت جۈپ بولىدۇ. نەپەسلەنگەن چاغدا خالتا بوشلۇق دىۋارىغا تۇتاشقان دۈمبە ئۈستۈنكى مۇسكۇل دەستىسىنىڭ (باغلىمىنىڭ) ئۇزىراپ - قىسقىرىشى بىلەن خالتا بوشلۇقى كېڭىيىش ياكى قىسقىراش نەتىجىسىدە ھاۋا كىتابسىمان ئۆپكە تۆشۈكىدىن كىرىدۇ ۋە ھەر قايسى نېپىز پلاستىنكىلار ئارىسىغا تارقىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، نېپىز پلاستىنكىنىڭ نېپىز دىۋارىدىن ئۆتۈپ پلاستىنكا ئىچىدىكى قان سۇيۇقلۇقى بىلەن گاز ئالماشتۇرىدۇ.