UyghurMain Dictionary
تولدۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تولماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئەزالار كۆل پۈتكەندىن كېيىن، كۆلنى سۇغا تولدۇردى.
تولۇقلىماقى، مۇكەممەل قىلماق؛ بەلگىلىك چەككە يەتكۈزمەك.
مەن مەسئۇلىيەت يېرىمنى چوقۇم ياخشى باشقۇرۇپ، بۇ يىلقى زىياننى تولدۇرۇۋالىمەن!
بوش ئورۇنلارغا، گرافىكلارغا تېگىشلىك سانلار ۋە مەلۇماتلارنى يازماق.
سىز تولدۇرغان ئانكىتلىرىڭىزغا قارىساق، بۇ يىل 68 ياشقا چىقىدىكەنسىز، شۇنداقمۇ - ئەمەس؟