UyghurMain Dictionary
زاڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
قوناق ئۇنىدىن ئېتىلدىغان قويۇق ئوماچ، ئۈستىگە قورما سېلىپ يېيىلىدۇ، قۇمۇل، تۇرپانلاردا « جوتاڭ » دېيىشىدۇ.
ھالۋىنى كۆپ يېسە، زاڭ تېتىيدۇ ( ماقال ).* زېڭىدا زاڭ كۆرمىگەن، چۈشىدە نان ( ماقال ).* ئۇن يوق دېسە، زاڭ دەيدۇ، ھاردىم دېسە ماڭ دەيدۇ ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
خىيانەت ياكى ئوغرىلقتىن كەلگەن ھارام مال، پۇل.
ئۇ خىيانەت قىلغان پۇلنى تاپشۇرغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلىندى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلىقى غەلىتە، تۇتامى يوق كىشى.
زاڭدىن يىراق بول، زىيىنى تېگىدۇ. كەم سۆز يىگىت _ ساز يىگىت، مەدداھ يىگىت _ ماز يىگىت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سەي سېلىپ يېيىلىدىغان بىر خىل قوناق ئۇنى ئېشى.
ھالۋىنى كۆپ يېسەڭ، زاڭ تېتىيدۇ. جوتاڭ قورساقتا تۇرىدىغان تاماق.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ئۇماچنى قويۇقراق ئېتىپ، تۆپىسىگە قورۇما سەي قويۇپ يەيدىغان تاماق. مەسىلەن: ھالۋىنى كۆپ يىسەڭ زاڭ تېتۇر ( ماقال ).
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۆش 500 گرام، قۇرۇق لازا بىر تال،
يېسىۋىلەك (بەسەي) 140 گرام، كەرەپشە (چىڭسەي) ئازراق، قوناق ئۇنى بىر كىلوگرام، پەمىدۇر ئىككى تال، ياغ 35 گرام، سامساق ئىككى باش، تۇرۇپ 140 گرام، ئاچچىقسۇ 35 گرام، سۇڭپىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ، قوناق ئۇنىنى چېلىپ، ئۇزۇن قاينىتىلىدۇ. ئاشنىڭ ياخشى پىشىشى ئۈچۈن، تۇز تەمى تەڭشەلگەن قايناق سۇدىن بىر نەچچە قېتىم قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، پەس ئوتتا دۈملەپ پىشۇرۇپ قاچىلارغا ئېلىنىدۇ.
2. گۆشنى ياپىلاق، بەسەينى تۆت چاسا، تۇرۇپنى ئۈچ بۇرجەك، كەرەپشىنى (چىڭسەينى) قىسقا - قىسقا، پەمىدۇرنى ئۇششاق، سۇڭپىيازنى ئات تۇۋىقى شەكلىدە، سامساق، لازا ئۇششاق توغرىلىدۇ. ئاندىن ئايرىم قازاندا قورۇما قورۇش تەرتىپى بويىچە قورۇمىلار قورۇلىدۇ. لېكىن قورۇما سۇلۇق بولۇشى كېرەك.
قاچىغا ئېلىپ سوۋۇتۇلغان زاڭنىڭ ئۈستىگە شورپىلىق قورۇمىدىن ئۇسۇپ يېيىلىدۇ. ئاچچىقسۇ بىلەن ياغ لازا ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىم خالىغانچە سالسا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قوناق ئۇنىدىن قويۇق قىلىپ چېلىنغان ئۇماچ؛ ئۇ پىشقاندىن كېيىن ئۈستىگە قورۇلغان سەي سېلىنىپ يېيىلىدۇ.
ھالۋىنى كۆپ يېسە زاڭ تېتىيدۇ (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
قانۇنچىلىق
«زاڭ مال»گە قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
گەپ - سۆز، قىلىقلىرى باشقىلارغا ياقمايدىغان؛ تېتىقسىز، ماز.
زاڭ ئادەم. زاڭ بالا.