UyghurMain Dictionary
تەبىئىي خۇسۇسىيەت
پسىخولوگىيە
بۇ ئادەمنىڭ تۇغما ئاناتومىيە - فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى. ئۇ ئاساسەن نېرۋا سىستېمىسى سەزگۈ ئورگانلىرى ۋە ھەرىكەت ئورگانلىرىدىكى ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇلاردىن چوڭ مېڭە نېرۋا پائالىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تەبىئىي خۇسۇسىيەت پەقەت ئادەمنىڭ پسىخىك تەرەققىياتىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك شەرتى بولۇپ، ئادەم پىسىخىكىسىنىڭ مەزمۇنى بىلەن تەرەققىيات سەۋىيىسىنى بەلگىلىمەيدۇ. ئادەمنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرى ئىرىسىيەت ئارقىلىق ھاسىل بولغان. شۇڭا بۇ ئىرىسى تەبىئەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، بۇ خۇسۇسىيەت مېڭە بىلەن ئورگانلارنىڭ مىكرولۇق قۇرۇلۇشى، چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ ھۈجەيرە توپلىرىنىڭ ئورۇنلىشىشى، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى قاتلىمىنىڭ قۇرۇلۇشى، نېرۋا پائالىيىتىنىڭ تىپى، ئانالىزاتورلار سىستېمىسى پائالىيىتىنىڭ قىسمەن تىپلىرى ۋە ئىسكىلىت مۇسكۇللىرى سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بىر مۇنچە پسىخولوگلارنىڭ قارىشىچە، تەبىئىي خۇسۇسىيەتتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە پسىخو - فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت.
تەبىئىي خۇسۇسىيەت ئادەم قابىلىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى تەبىئىي شەرتى. بۇنداق ئاساسسىز ئادەمنىڭ قابىلىيىتى تەرەققىي قىلالمايدۇ. مېڭىسىز تۇغۇلغان بالىنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتى تەرەققىي قىلالمايدۇ. تۇغما ئەما (قارىغۇ) ياكى رەڭ قارىغۇسىنىڭ رەڭلەرنى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. تەبىئىي خۇسۇسىيەت كىشى قابىلىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: نېرۋا جەريانىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى كىشىنىڭ دىققەت قابىلىيىتىنىڭ مەركەزلىشىشچانلىقى ۋە داۋاملىشىشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، نېرۋا جەريانىنىڭ جانلىقلىقى كىشىنىڭ تېزلىك بىلەن كەڭ بىلىم ئىگىلىشىگە، ماھارىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئاجىز نېرۋا تىپى يۇقىرى دەرىجىدە سەزگۈرلىككە ئىگە بولۇپ، سەنئەت قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇۋاپىق ئانالىزاتورلار سىستېمسىنىڭ قىسمەن ئالاھىدىكى ماس ھالدىكى سەزگۈ - ئىدراك قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، تەبىئىي خۇسۇسىيەت پەقەت قابىلىيەت تەرەققىياتىنىڭ بىر خىل ئىمكانىيىتى بولۇپ، قابىلىيەتنىڭ ئۆزى ئەمەس. شۇنىڭدەك قابىلىيەت تەرەققىياتى پۈتۈنلەي تەبىئىي خۇسۇسىيەتكىلا باغلىق ئەمەس. قابىلىيەت تەرەققىياتى كىشى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى شارائىت ۋە تەربىيەگە باغلىق بولۇپ، ئەمەلىي پائالىيەتكە قاتناشمىسا، تېگىشلىك ئۆگىنىش ۋە مەشىق قىلمىسا، تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كىشى بولۇپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. تەبىئىي خۇسۇسىيەت قابىلىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ پەقەت قابىلىيەت تەرەققىياتىغىلا مۇناسىۋىتى بولۇپ قالماستىن، كىشىنىڭ تۈرلۈك پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋىتى بار. مەسىلەن: تۈرلۈك تەبىئىي خۇسۇسىيەتلەر - كىشىنىڭ خاراكتېر، قىزىقىش، تېمپېرامېنت ( پىسخىك مىجەز) لىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىپادىلىنىشىگە تۈرلۈكچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كىشىنىڭ ھەر قانداق پىسخىك ئالاھىدىلكىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىپادىلىنىشى مەلۇم ئاناتومىيە - فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلەرنى، يەنى تەبىئىي خۇسۇسىيەتنى ئاساس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەبىئىي خۇسۇسىيەتنىڭ رولىنى پەقەت قابىلىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى بىلەن چەكلەپ قويغىلى بولمايدۇ. شۇنى ئۈزۈپ ۋە تەرەققىي قىلىشى بىلەن چەكلەپ قويغىلى بولمايدۇ. شۇنى ئۈزۈپ ئېيتىش كېرەككى، تەبىئىي خۇسۇسىيەت بارلىق پىسخىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەبىئىي ئالدىنقى شەرتى.