Uyghur→ChineseMain Dictionary
نائوروجى
دۇنيا تارىخى
罗吉
luó jí
(1825 - 1917)، ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى، بارودا يەرلىك شتاتىنىڭ باش ۋەزىرى، ئىقتىسادشۇناس ۋەماتېماتىكا پروفېسسورى. بومبايدىكى بىر ئاتەشپەرەس ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئېرفېنستون ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1852-يىلى بومبايدىكى ئىجتىمائىي سىياسىي تەشكىلات - <بومباي جەمئىيىتى> نى قۇرۇشقا قاتناشقان. كېيىن بومباي كاما شىركىتىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. ئەنەلىيىدە ئۇزاق مۇددەت تۇرغان. 1865-يىلى <لوندون ھىندىستان جەمئىيىتى> نى قۇرغان. ئۇ ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈچ قېتىم رەئىس بولغان (1886، 1893، 1906). 1892-يىلى ئەنگلىيە لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ نامزاتى سۈپىتىدە سايلامغا قاتنىشىپ، ئەنگلىيىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىغا كىرگەن تۇنجى ھىندىستانلىق بولغان. 1895-يىلى پادىشاھلىق تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىنىپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ راسخوت چىقىمىنى تەكشۈرگەن. ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئېكسپىلاتاتسىيە سىياسىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ھىندىستاننىڭ نامراتلىقىنى ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى بايلىقنى شىلىۋالغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ كۆرسەتكەن. ھىندىستاندا ھەقىقىي ئەنگلىيىچە باشقۇرۇشنى ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. <ھىندىستاننىڭ نامراتلىقى ۋە غەيرىي ئەنگلىيىچە ھۆكۈمرانلىق> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.