UyghurMain Dictionary
ئالاھىدە قوشۇن
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە توكۇگاۋاشوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ناگاسۇ ۋاسساللىقىنىڭ قوراللىق قوشۇنى. 1863-يىلى تاكاسۇكى شىنساكۇ قاتارلىقلار پىدائىيلاردىن تاللاپ تەشكىللىگەن. ئەزاسى 300 - 400 كىشىگە يېتىدۇ. ئاساسەن تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇرايلار، دېھقانلار ۋە سودىگەرلەردىن تەركىب تاپقان. ناگوسۇ ۋاسساللىقىنىڭ شوگناتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ بازىسىغا ئايلانغان چاغدا، بۇ قوشۇن ئاساسىي كۈچ بولۇپ، سىمونوسېكى ۋەقەسى، ناگاسۇ ۋاسساللىقىدىكى ئىچكى ئۇرۇش، شوگناتنىڭ ناگوسۇ ۋاسساللىقىغا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشى ۋە ۋوجېن ئۇرۇشىدا زور رول ئوينىغان. يېڭىلىققا كۆچۈش ھاكىمىيتى (مېيجى ھۆكۈمىتى) ئورنىتىلغاندىن كېيىن، 1869-يىلى ۋاسسال ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن، ئىككىنچى يىلى قوشۇندىن ئايرىلغان ئەسكەرلەر توپىلاڭ كۆتۈرگەن، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي باستۇرۇۋېتىلگەن.