UyghurMain Dictionary
قائىدە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نىزام، قانۇن، تەرتىپ، قائىدە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نىزام، قانۇن، قائىدە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزاق يىل داۋامىدا ئۆگىنىپ، كۆنۈپ قالغان تەرتىپ، قىلىق، خۇي.
ئاغرىق قالار، ئادەت قالماس. ئادەت قېرىساڭمۇ كەتمەس، يۇساڭمۇ تۈگىمەس. زامان باشقا، قائىدە قاچان بولسا لازىم. ھەر يەرنىڭ ئۆز يوسۇنى بار. قائىدە - يوسۇننى بىلمەيدىغان ئۆيگە ئايالىڭنى ئاپارما. رىمغا بارساڭ، رىمنىڭ رەسىمىنى ئۆگەن. رەسىم - يوسۇن ئەخلاققا ياتىدۇ. ئوغۇل بالىنى خەتنە قىلماق _ سۈننەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تۈرلۈك ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ۋە مۇناسىۋەتلەرنى ئىپادىلەيدىغان تەرتىپ؛ قانۇن؛
سۆز ياساش قائىدىسى. يىلتىز چىقىرىش قائىدىسى. كۆپەيتىش قائىدىسى.
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنىڭ قانداق بېجىرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى رەسمىي كۆرسەتمە، يوليورۇق ياكى ئومۇم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان تەرتىپ.
ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەمگەك قائىدىسىگە قەتئىي رىئايە قىلىش كېرەك.
رەسىم، ئادەت، يوسۇن.
قەدىمدىن قالغان قائىدە.* مىرزا ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ تاجىك قائىدىسى بويىچە ئۆزئارا قوللىرىغا سۆيۈشۈپ كۆرۈشتى.