Uyghur→ChineseMain Dictionary
لېئون
ئۇنىۋېرسال,تارىخ
莱昂
lái ángDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
莱昂〈东萨〉
lái áng 〈dōng sà 〉Dتارىخ
列昂
liè ángDتارىخ
苹昂
píng áng
دۇنيا تارىخى
利奥三世
lì ào sān shì
(1) لېئو Ⅲ (تەخمىنەن 675 - 741). ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (717 - 741). ئىسۇرىيە خاندانلىقىغا ئاساس سالغۇچى. تەختكە چىققاندىن كېيىن، مىلادى 718 - يىلى كونىستانتىنوپولنى قورشىۋالغان ئەرەب قۇرۇقلۇق دېڭىز - ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 740 - يىل ئاناتولىيىدىكى ئاكروئىنوندا ئەرەب قوشۇنىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقان. 726 - يىلى ئىكوناغا چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇش يارلىقى چىقىرىپ، ئىكونانى چېقىش ھەرىكىتىنى باشلاپ كىرگەن. شۇ يىلى يەنە <قانۇن توپلىمى> نى ئېلان قىلىپ، مۈلۈكدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان. (2) لېئو Ⅲ (تەخمىنەن 750 - 816). رىم پاپسى (795 - 816). تەختكە چىققاندىن كېيىن، رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلماي، فرانك كورۇلى، ئىمپېراتور چارلېسنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. 799 - يىلى رىم ئاقسۆڭەكلىرى توپىلاڭ چىقىرىپ رىمدىن قېچىپ چىقىپ، چارلېستىن ياردەم سورىغان. 800 - يلى چارلېس ئەسكەر باشلاپ رىمغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرگەن. شۇ يىلى روژدېستوۋ بايرىمىدا، چارلېسقا تاج كىيدۈرۈپ <رىملىقلار ئىمپېراتورى> دەپ نام بەرگەنق. چارلېس ئۆلگەندىن كېيىن 815 - يىلى يەنە رىم ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. چارلېسنىڭ ئوغلى لۇئى (تەقۋادار)نىڭ ياردىمىگە تايىنىپ مۈشكۈللىكتىن قۇتۇلۇپ قالغان.