UyghurMain Dictionary
نانتې پەرمانى
دۇنيا تارىخى
1598-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى فرانسىيە كورۇلى ھېنرى Ⅳ نانتې (فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان) شەھىرىدە جاكارلىغان پەرمان. ئەسلى خۇگۇئېنوت ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن كاتولىك دىنى گۇرۇھى بىلەن خۇگۇئېنوتچىلار تۈزگەن مۇرەسسەچىلىك ئەھدىنامىسى. پەرماندا كاتولىك دىنى فرانسىيىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلەنگەن، شۇنداقلا خۇگۇئېنوت مۇرتلىرىنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئېتىراپ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ شەھەر (پارىژ ھەمدە باشقا شەھەرلەر بۇنىڭ سىرتىدا) ھەم كۆپلىگەن يېزىلاردا ئىبادەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان؛ خوگۇئېنوت مۇرىتلىرى كاتولىك دىنى مۇرتلىرى بىلەن ئوخشاشلا ھۆكۈمەت خىزمىتىگە تەيىنلىشىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان؛ خۇگېنۇئوت مۇرتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ دىنى يىغىنى ۋە سىياسىي يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بولغان. پەرمانغا بىر مەخپىي ماددا قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، خۇگۇئېنوت مۇرىتلىرىنىڭ تەخمىنەن 200 قەلئەسىنى ساقلاپ قېلىشى (كۈچگە ئىگە ۋاقتى 9 يىل، كېيىن يەنە ئۇزارتىلغان) رۇخسەت قىلىنغان. بۇ پەرمان رىم پاپاسى ۋە كاتولىك چېركاۋىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1629-يىلى رىسېلېئۇ ھۆكۈمىتى مەخپىي ماددىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 1685-يىلى ارانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅣ تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغان.