UyghurMain Dictionary
سپىنوزا
دۇنيا تارىخى
(كېيىن ئىسمىنى Benedictus قا ئۆزگەرتكەن، 1632 - 1677). گوللاندىيىلىك ماتىرىيالىستىك پەيلاسوپ. ئاتا - بوۋىسى يەھۇدىي، ئۆزى يەھۇدىي دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىگەقارشى چىققانلىقى ئۈچۈن يەھۇدىي دىنىندىن قوغلاپ چىقىرىلغان، تۇرمۇشى جاپالىق بولۇپ،ئەينەك سىلىقلاش بىلەن كۈن كەچەرگەن. ئۇ تەبىئەت دۇنياسى ئۆزىنىڭ سەۋەبىدۇر دېگەن مۇشۇ تۈپ كۆز قاراشنى ئاساس قىلىپ، <ئۆز سەۋەبى> ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغاقويۇپ، <دۇنيانى دۇنيانىڭ ئۆزىدىن چۈشەندۈرۈشتە چىڭ تۇرغان> (ماركس - ئېنگلېس ئەسەرلىرى<20 - توم، خەلق نەشرىياتنىڭ 1971 - يىل نەشرى، خەنزۇچە365 - بەت). >ئەمەلىي مەۋجۇدىيەت< يەنى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بارلىق شەيئىيلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تەبىئەتتىن تاشقىرى خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان، ئەمما يەنە >ئەمەلىي مەۋجۇدىيەت< نى خۇدا دەپ ئاتاپ، ماتېرىيالىزمغا يان ئىلاھچىلىق تونىنى كىيگۈزگەن. ئىدېئالىزمنىڭ مەقسەت نەزىرىيىسىگە ۋە دېكارتنىڭ ئەركىن ئىرادە تەلىماتىغا قارشى چىقىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇقەررەر بولىدۇ؛ ئەركىن ئىرادە دېگەن ئوي تەسەۋۋۇردىن ۋە نادانلىقتىن كەلگەن؛ ئەقلىيىلىك بىلەن ئىرادە ئۆزئارا قارىمۇقارشى ئەمەس. بەلكى بىردەك بولىدۇ، >مۇقەررەرلىكنى بىلىش<نىڭ ئۆزى ئەركىنلىكتۇر، دەپ تەكىتلىگەن. بىلىش نەزىرىيىسى جەھەتتە، ئۇ ئەقىلچىلىكنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي ئەسەرلىرى >ئىلاھىيەت سىياسىيشۇناسلىقى توغرىسىدا<، >ئېتىكا<، >بىلىشنى يېڭىلاش توغرىسىدا<، >دېكارتنىڭ پەلسەپە قائىدىلىرى< قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.