Chinese→UyghurMain Dictionary
生理平衡溶液
بىئولوگىيە
فىزىئولوگىيىلىك مۇۋازىنەت ئېرىتمە
جانلىقلارنىڭ مۇھىت ئېرىتمىسىدىكى بەزى ئىئون تۈرلىرى مەلۇم بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتمەي، ئېرىتمىدىكى مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىئونلار كۆپ خىل ئارىلاش ھالەتتە مەۋجۇت بولىدۇ. بىر قانچە خىل زۆرۈر مېنېرال ئېلېمېنتلارنى بەلگىلىك كونسېنتراتسىيە ۋە نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ئېرىتمىدە ئۆسۈملۈك ياخشى ئۆسىدۇ ھەمدە زەھەرلىك تەسىرى بولمايدۇ. بۇنداق ئېرىتمە فىزىئولوگىيىلىك مۇۋازىنەت ئېرىتمە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۆستۈرگۈچ ئېرىتمىلەردىن Hoaglant, Espino, Knp قاتارلىقلار فىزىئولوگىيىلىك مۇۋازىنەت ئېزىتمىدۇر. ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈلىدىغان فىزىئولوگىيىلىك ئېرىتمىنىڭ تەركىبى ئوخشاش بولمايدۇ.