UyghurMain Dictionary
ھەزرەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇلۇغ، مۆتىۋەر زات، جاناب، ھۆرمەتلىك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھوزۇر، ئالدى؛ جاناپ، ھۆرمەتلىك: ھەزرەتى ۋالا - جاناپ، جاناپلىرى، ھەزرەتى ئالى - جاناب ئالىلىرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۆرمەت ئاتالمىلىرى، كىشى ئىسمىنىڭ كەينىدىمۇ، ئالدىدىمۇ كېلىدۇ، يالغۇز ئۆز ئالدىغىمۇ كېلىدۇ.
ئەخمەت ئەپەندىملەر 1949 - يىل 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى بېيجىڭغا كېتىۋېتىپ، ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن قازا تاپقان! جانابلار، دىققەت قىلىڭلار! ھەزرەتلىرى، يۇقىرى چىقسىلا. تەقسىر، كۆرۈنمەيدىلىغۇ. خوجام، قاچان كەلدىلە؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۆپىنچە <ھەزرەتلىرى> شەكلىدە ئۇلۇغلاش، ھۆرمەتلەش مەنىسىدە كېلىدۇ.
پادىشاھ ھەزرەتلىرى.
ھۆرمەت يۈزىسىدىن بەزى شەخسلەرنىڭ ئىسمنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ تەخەللۇسى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ.
ئېلى ھەزرەت. ئىسمائىل ھەزرەت.
قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئاپپاق خوجا مازىرى جايلاشقان يېزىنىڭ نامى.