Chinese→UyghurMain Dictionary
八万大藏经
دۇنيا تارىخى
80مىڭ ۋاراقلىق گادىنجۇر
چاۋشىيەننىڭ كۇرىيە سۇلالىسىدە بېسىلغان. خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان <گادىنجور نومى>. ئۇ ياغاچقا ئۇيۇلۇپ نەشىر قىلىنغان، ھازىر چىڭشاڭنەن ئۆلكىسى شەنچۈەن ۋىلايىتىدىكى خەييىن بۇتخانىسىدا ساقلانماقتا. خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان <گادىنجۇر نومى> قىتانلار ئارقىلىق كۇرىيىگە كىرگەن، شيەنزۇڭ ۋاقتىدا (1010 - 1031 - يىلى تەختكە ئولتۇرغان) <قىتان تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دۇئالىرى> نامىدائويۇشقا تۇتۇش قىلغان. ئارىلىقتا 60 نەچچە يىل ئۆتۈپ، 1087 - يىلغا بارغاندا - شۈەنزۇڭ 4 - يىلى( 6000 جىلدتىن ئارتۇق گادىنجۇر نومى تاختىغا ئويولۇپ چىقىلغان. 1232 -يىلى )گاۋزۇڭ 19 - يىلى( ئويۇلغان ئايەت تاختىسى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن مۇڭغۇل قوشۇنى تەرىپىدىن كۆيدۈرىۋېتىلگەن. 1236 - يىلى قايتىدىن ئويۇلغان. جياڭخۇا ئارىلىدا گادىنجۇر باش نازىرى تەسىس قىلىنغان. چىڭشاڭ ۋە سىللا ئۆلكىلىرىدىكى دېھقانلارنى دەرەخ كېسىپ بەت ياساپ، ھەرقايسى سۇيۇرغاللارنىڭ ئويۇشىغا تاپشۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن. 16 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، <6780 جىلدلىق گادىنجۇر نومى> بېسپ چىقىرىلغان. كىتاب بېتى جەمئىي 86 مىڭ 600 بەت بولغاچقا 08ىڭ ۋارقلىق گادىنجۇر نومى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ نەشىر قىلىنىشى كورىيە سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى باسما تېخنىكىسى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ.