UyghurMain Dictionary
پۇچەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قابىلىيىتى يوق، قىلىقى يامان، كۆزى كىچىك، تەبىئى پەس.
ئېرىق تىنماي شارىلدار، چاكىنا ئۆزىنى ماختار. پۇچەك ئادەم چاكىنا كىشىدىن كۈلۈپتۇ. پالۋان نومۇسنى ئويلايدۇ، چۈپەي قورقۇپ زارلايدۇ. چاققان ئىككى ئاشار، رودۇپاي بىر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئىچى بوش، مېغىز ئالالمىغان، مېغىزى يىگىلەپ كەتكەن؛ مېغىزى تولمىغان.
پۇچەك دان. پۇچەك بۇغداي. پۇچەك ئۇرۇق. پۇچەك ياڭاق.
كۆچمە. ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغان، تايىنى يوق، قۇرۇق.
سادىقجان جوزىغا مۇشتلاپ ۋارقىراپ تۇتۇرۇقسىز پۇچەك گەپلەرنى قىلىشقا باشلىدى.