Chinese→UyghurMain Dictionary
伪足
بىئولوگىيە
يالغان پۇت
پروتوزالار تىپى، يالغان پۇتلۇقلار سىنىپى (مەسىلەن، ئاميوبا) نىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ۋاقىتلىق ھۈجەيرە ئاپپاراتى. سىتوپلازمىنىڭ بۆرتۈپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن بىر خىل تۈزۈلۈش. بۇ خىلدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ ھەممىسى يالغان پۇت شەكىللەندۈرەلەيدۇ. سىتوپلازما تەن سىرتىنىڭ مەلۇم بىر ئورنىغا بۆرتۈپ چىقىپ يالغان پۇت شەكىللەندۈرگەن چاغدا قۇرت تېنى يالغان پۇتى ئۇزىراپ چىققان يۆنىلىشكە قاراپ سىلجىيدۇ. يالغان پۇتى باشقا بىر نۇقتىدىن بۆرتۈپ چىققاندا ھەرىكەت يۆنىلىشىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. يالغان پۇتنىڭ شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى ئادەتتە تۈرلەرگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. يوپۇرماقسىمان، يىڭنىسىمان، يىپسىمان بولىدۇ. ئەگەر يىپسىمان يالغان پۇتلار شاخلانغان بولسا، بىرى - بىرى بىلەن يەنە تۇتىشىپ تورسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بەزى يالغان پۇتلارنى ھۈجەيرىنىڭ ئېندوپلازمىسى بىلەن ئېكتوپلازمىسى بىللە شەكىللەندۈرگەن؛ بەزىلىرى ئاساسەن ئېكتوپلازمىدىن شەكىللەنگەن؛ بەزىلىرىنى يالغان پۇت ئوقى تىرەپ تۇرىدۇ. يالغان پۇتلارنىڭ ۋاقىتلىقلىرى ھەم دائىملىقلىرىمۇ بولىدۇ. يالغان پۇتنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى تېخى تولۇق ئېنىقلانمىدى. نىسبەتەن بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراشلارغا قارىغاندا، ئاكتىن ۋە ميوزىننىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك دەپ قارالماقتا. يالغان پۇتتا يەنە ئوزۇق تۇتۇش فۇنكسىيىسىمۇ بولۇپ، ئۇچرىغان ئوزۇقلۇقنى ئوراپ بەدەن ئىچىگە ئېلىپ كىرەلەيدۇ.
ئۆسۈملۈك,تېببىي
wěi zú
يالغان پۇتDئۇنىۋېرسال
wěi zú
يالغان پۇت