UyghurMain Dictionary
پايخان
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
يانچىش ئۈچۈن خامانغا دۆۋىلەنگەن ئۆنچە؛ پاچاق سۆڭىكى. مەسىلەن: پايخان سالماق _ ئۆنچە يايماق. پايخىنىڭنى چېقىۋېتىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرىنچى قېتىم سورۇلغان خاماندىن چىققان، قايتا يانجىشقا تەييارلانغان يىرىك سامان ۋە باشاقلار.
تەخەيلىك ئېشەك پايخانىغا يارىماس (ماقال).
پاچاق سۆڭىكى.
بەلكى، چىن ئىنسانغا ياتتۇر ئۆچ - ئاداۋەت ساقلىماق، ئىتقىلا خاس بىر ھۈنەردۇر ئەسلىي پايخان چاينىماق.